جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 29-دېكابىردىكى تېلېگراممىسى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق ئارمىيەسى قوماندانلىق شىتابى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ ئېلان قىلغان مەلۇماتىدا دېيىلىشىچە، ئىراق ئارمىيەسى رامادىنى شەھەرىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ مالىيەسىگە مەسئۇل تېررورچىنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئىراق ئارمىيەسى ئاخبارات باشقارمىسى ئېلان قىلغان مەلۇماتتا:«رامادىدىكى پۇقرالار ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا <شام ئىسلام دۆلىتى مالىيە مىنىستىرى>نىڭ پۇقرالارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغانلىقىنى ھەمدە <شام ئىسلام دۆلىتى> گۇمران قىلىنغاندىن كېيىن قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنغانلىقىنى مەلۇم قىلىندى» دېيىلگەن.
ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى 28-دېكابىر ئەنبەر ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى رامادىنى «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىن تولۇق ئازاد قىلغان. بىراق ئارقىدىنلا ئەنبەر ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى سۇھاۋى ئەلراۋى، رامادىنىڭ پەقەت %80 نىڭ ئازاد قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved