يېقىندا خېنەن ۋېنشيەن ناھىيەسىدىكى بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ تىپتىكى قەبرىستانلىق بايقىلىپ ، 100 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرە بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان . ھازىر 20 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرە قوغداش خاراكتېرلىك قېزىلىپ ، ساپال بۇيۇم ، برونزا بۇيۇم، تۆمۈردىن ياسالغان قورال-ياراغ ، قەدىمكى پۇل قاتارلىق 200 دانىدىن ئارتۇق ئاسار-ئەتىقە چىققان . ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش ئەينى دەۋرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى ، رايون ئالاھىدىلىكى ، دەپنە-مۇراسىم ئادەتلىرى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن . نۆۋەتتە ، ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved