«ئەدەبىيات چېيى»دىكىلەر كىتابى نەشر قىلىنغان ئەدىبلەرگە كىتاب سوۋغا قىلىندى
ئابدۇشۈكۈر راشىدىن
سۆز بېشى
3-ئاينىڭ 21- كۈنى، «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ پىنسىيۇنىرى، شائېر تاھىر تالىپ يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئەدىبلەر نامىدىكى «ئەدەبىيات چېيى»نىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىدا، باغاقچىغا يېزىلغان «ئەدەبىيات چېيى» دېگەن بىر جۈملە سۆز ئۇنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى.
3-ئاينىڭ 22- كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى «مەغرۇپ» چاي- تائاملىرى ئارامگاھىنىڭ زالى ئالاھىدە قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، ناھىيەنىڭ ھەرقايسى يېزا (بازار)، ئىدارە-جەمئىيەت، مەكتەپلەردە ئىشلەيدىغان شۇنداقلا يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئەدىبلەردىن بولۇپ 50 تىن ئارتۇق كىشى بۇ يەرگە نورۇزنى تەبرىكلەشكە جەم بولغان ئىدى.
«ئەدەبىيات چېيى» نىڭ كۈن-تەرتىپلىرى ئۆزگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتنىڭ ھەر بىر كۈن- تەرتىۋىدە جەلب قىلارلىق مەزمۇنلار شۇنداقلا ئادەمنى ھاياجانلاندۇرىدىغان، بۇ يۇرتنىڭ تارىخ-تەزكىرىسىگە ئائىت بىر قىسىم تەسىرلىك ھېكايىلار بىر بىرلەپ مەيدانغا چىقماقتا ئىدى.
-بىز «ئەدەبىيات چېيى»مىزنىڭ بەش يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ، بۇ خاسىيەتلىك چېيىمىزنىڭ سەمەرىسى سۈپىتىدە تۆۋەندە ئىسمى چىققان ئەدەبىيات پىشىۋالىرىمىز، شائېر- يازغۇچى- سەنئەتكارلىرىمىزدىن تاھىر تالىپ، ئابلەت ئابباس قۇربانى، ئابدۇراخمان ئېزىز ئوغلى، ئادالەت ئابدۇرېھىم، ئامىنىگۈل ھېكىم، ئەمەت يولداش، ئابابەكرى توختىنىڭ سەھنىگە چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەنكى بىرقانچە يىلىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلەپ يۈزىسىدىن ئالاھىدە تەييارلىغان سوۋغىمىزنى تاپشۇرۇپ ئېلىشىنى سورايمىز، قېنى سەھنىگە مەرھەمەت ئەزىزلەر...
ئۇلار خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن بۇ ئىشتىن تەئەججۇپلەنگەن ھالدا سەھنىگە قەدەم ئېلىشىپ، ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى تەشۋىقات- تەربىيە ئىشخانىسنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، نەسىرچى، شائېر قۇربان ئەمەت قاتارلىقلارنىڭ قولىدىن جالالىدىن رومىنىڭ « ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر»، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئارىفنامە» ناملىق ئىككى پارچە سوۋغاتلىق كېتابنى تاپشۇرۇپ ئېلىۋاتقاندا تۆۋەندە ئۈزۈلمەي چېلىنىۋاتقان چاۋاكلاردىن ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە ھاياجانلىق ياش ئېلىشتى، ئۆزئارا قۇچاقلىشىپ ۋە قول ئېلىشىپ بىر بىرلىرىنى تەبرىكلەشتى.
بەش يىل بۇرۇن
يېڭىشەھەر ناھىيەسى 18- ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بولغان مۇھەممەت ئېمىن غۇجام قۇلى خىرقىتى، 1930- يىللادىن كېيىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا نامى تارالغان ئالىم ئەھمەد زىيائىي، 50-60- يىللاردىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدا بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە بولغان ھوشۇر ئىبراھىم، مەھرۇم مۇھەممەتئېلى زۇنۇن، ئىمىن ئەھمىدى، مەرھۇم مەخمۇتجان ئىسلام، مەرھۇم ئاۋۇت مۇھەممىدى، سەمەت دوگايلى، مەمتىمىن شىپە، يۈسۈپ ھۈسەيىن، ئەھەت مۆمىن، تۇرسۇن ئابباس، ئابلەت ئابباس قۇربانى، ئۆمەر ئوسمان شىپائىي تېكىن، خالىدە ئىسرائىل، مەرھۇم ئابدۇرېشىت سەلەي، مەرھۇم سادىق مۇھەممەت ئېمىن، مەرھۇم ھۈسىيىن تالىپ، تاھىر تالىپ، ئېلى ئىبراھىم كۆتەك،ئابدۇرېشىت سادىق ، مۇقەددىر ساھىت، يۈسۈپ تالىپ، مەرھۇم ھوشۇر ئابدۇللا، خەلىپە ساۋۇت، كىرىمجان سۇلايمان، ئېلىجان ئوبۇل خەنجەر، ئابدۇرېشىت خوجا،تارىخ تەتقىقاتچىسى ئابدۇقادىر داۋۇت ... قاتارلىق بىر قاتار ئالىم- تەتقىقاتچى، شائېر، يازغۇچى، پولكلورشۇناس، تەرجىمان قاتارلىق ئىلىم سۆيەر ئەدىب ۋە سەنئەتكارلار يېتىشىپ چىققان ماكان شۇنداقلا « رابىيە- سەئىدىن » قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەر ياشاپ ئۆتكەن تارىخىي مەدەنىيەت، پولكلور يۇرتى بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە يەنە بىر تۈركۈم ياش قەلەمكەشلەر ۋە ھەۋەسكارلار ئۇلارنىڭ ئىزلىرىنى بېسىپ، ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، بىر بىرسىنى رىغبەتلەندۈرىدىغان، غىدىقلاپ ئىلھام بېرىدىغان ئەدەبىي مۇھىت بولمغىغانلىقتىن، نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمايلا قالماستىن، قىسمەن ئەدىبلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق مۇناسۋەت زەنجىرى يوق ئىدى.
بۇ ئىشقا بىر قىسىم ئىلغار ئىدىيىلىك پېشقەدەم- ياش ئەدىبلەرنىڭ ئىچى پۇشۇپ تۇرىۋاتقىنىدا، مەركەزنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ھەققىدىكى تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىكرانىنى باھار ئاپتىپىدەك ۋاللىدە يورۇتىۋەتتى. بىراق، ناھىيەدە ھازىرغىچە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنى تەشكىللەيدىغان ۋە باشقۇرىدىغان ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ياكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى قۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق، ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرىگە ئۇزۇندىن بۇيان ئەزا بولۇپ كېلىۋاتقان، ۋىلايەت ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى نوپۇزلۇق ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغان قۇربان ئەمەت، ئەمەت يولداش، ئابابەكرى توختىغا ئوخشاش ياشلار 2009- يىلى مەسلىھەتلىشىپ، ناھىيەدىكى ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىدىغان 10 نەپەر ئەدىبىيات سۆيەر ياشنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئىلغار مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلغان ئەدىبلەر مەجلىسى- شاراپسىز «ئەدەبىيات چېيى» نى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، قەرەللىك ھالدا ئۇچرۇشۇپ، تاماق يېگەچ ئەدەبىيات-سەنئەت ھەققىدە پىكىر ئالاماشتۇرۇش ئاساس قىلىنغان بۇ ئۆزگىچە ئولتۇرۇشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ھەش-پەش دېگۈچە ئۆزئارا دوستلۇق، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، ئىجادىيەت پائالىيەتلىرىدە يازغانلىرىنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇپ كۆرۈپ، پىكىر بېرىدىغان، ئۆزئارا ئىلھام بېرىپ، رىغبەتلەندۈرىدىغان، ئەدەبىيات ساھەسىدە بارلىقا كېلىۋاتقان يېڭىچە شەكىل، ئۇسلۇب ۋە كۆز قاراشلاردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولىدىغان، شۇنداقلا قەشقەرگە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن كەلگەن داڭلىق ئەدىبلەر بىلەم جەم بولۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان بۇ « ئەدەبىيات چېيى» بەش ياشقا كىرىپ، چايغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى 20 نەپەرگە ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا جەم بولغان ، قىزغىن قوللاپ مەدەت بېرىۋاتقان قەلەم ساھىبىلىرى 50 نەچچىگە تەرەققىي قىلدى ۋە بۇنىڭ تۈرتكىسىدە مۇشۇ بەش يىلدا ئارقا- ئارقىدىن بىر قىسىم ئېسىل ۋە خۇشپۇراق گۈلدەستىلەر ئەل-ئاۋامنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى.
بىزنىڭ باغدا جىنەستە، ئېچىلىدۇ بەس-بەستە
قىسقا شۇنداقلا ئۇزۇن بولغان بۇ بەش يىلدا يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تارىخىدا، ئىلگىرىكى 10-20 يىل مابەينىدە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنى شۇنداقلا ئەدەبىي ئىجادىيەت مېۋىلىرى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارى قوزغىلىدىغان گۈزەل مەنزىرە بارلىققا كېلىپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت بىر تۈرلىك مۇھىم خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر يارقىن نەتىجىگە ئايلاندى. يەنى بۇ مەزگىلدە دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن ئابلەت ئابباس قۇربانىنىڭ « قەشقەردە ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەر»، ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلىنىڭ« سەھرالىق ئاتا» ،ئادالەت ئابدۇرېھىمنىڭ «سېھىرلىك ئوت»، «ئامىنىگۈل ھېكىمنىڭ «قۇم ئارال»، ئەمەت يولداشنىڭ «چۆككەن قىرغاقلار»، ئابابەكرى توختىنىڭ«چوغ ئوينىغان قىز» قاتارلىق ھېكايە- پوۋسىت، شىئىر ۋە تەزكىرە تۈسىدىكى مۇستەقىل يېزىلغان توپلاملىرى نەشردىن چىقىپ تارقىتىلدى ۋە قۇربان ئەمەتنىڭ « ئاسماننىڭ ئاخىرى»، « قۇمنامە » قاتارلىق ئەسەرلىرى، « ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانما »،« نەسىر يېزىقچىلىقىدىن ئۆرنەكلەر» ناملىق بىرلەشمە نەسىرلەر توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلدى. ئېلى ئىسمايىل قۇترەڭنىڭ رەسىم ئىجادىيەتلىرىدە ئۆزگىچە يۈكسىلىش ۋە ئىلگىرىلەشلەر بارلىققا كېلىپ، ئۇ ئىجتىھات بىلەن سىزغان «نان»، «بازار»، «ئانار يۈزلۈك بوۋايلار»، «تارىمدىكى چۈش» قاتارلىق ئېسىل ماي بوياق ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون شۇنداقلا ۋىلايەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى، «نان» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى شىتاتلىرىدا كۆرگەزمە قىلىنىش بىلەن بىللە ئۆزىمۇ ، ئۇلارنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىدىكى داڭلىق رەسساملار بىلەن ئۇچىرىىشپ ئۆگىنىش ۋە تەجىبە ئالماشتۇرۇش شەرىپىگە نائىل بولدى.
بۇ جەرياندا يەنە بىر تۈركۈم شائىر ۋە شائېرەلەر يېڭىدىن يېتىلىپ ياكى قايتىدىن قولىغا قەلەم ئالغان بولۇپ، ئۇلار يازغان 2300 پارچىدىن ئارتۇق شىئېر ۋە داستانلىرى ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىدى.بۇنىڭ ئىچىدە شائېرە ئادالەت ئابدۇرېھىمنىڭ« قەشقەرلىك ئايال» ناملىق لېرىك داستانى، ئابابەكرى توختىنىڭ « تەۋپىق ئەپەندى خاتىرىسىگە يادنامە» ناملىق شىئېرى، مۇھەممەتجان ئوبۇلقاسىم يالغۇزەكنىڭ «دادام» ناملىق تەخمىسلىرى يېزىلىش ئۇسلۇبى، ئىلگىرى سۈرگەن ئىدىيەسى ۋە ئۆزگىچە شەكلى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىيات ساھەسىدە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.
نەسرىي ۋە نەزمىي ئەسەر يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ كۆپلەپ بارلىققا كېلىپ، بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەر ئىجاد قىلىندى ۋە ھەر دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 500 پارچىغا يېقىن ھېكايە، پوۋسىت، فېلىيەتۇن، ئەدەبىي ئوبزور، پوبلىستىك ماقالىلار ئارقا- ئارقىدىن يورۇقلۇققا چىقىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۈچلىك دىققىتنى قوزغىدى ۋە تۈرلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ مەمتىمىن ئابلىزنىڭ «توققۇز جىڭ دەرس»،« شەھەرلىكلەرگە يېتىشەلمىگۈدەكمىز»، «40 ئەرگە تەگسىمۇ قىز پېتى يۈرۈيدىغان پەرىزات»، «باسما قۇدۇق»، « شەھەرلىكلەرگە يەنە يېتىشەلمىگۈدەكمىز» قاتارلىق فىلىيەتۇنلىرى، راخمانجان ئېمىرنىڭ «بىزگە قانداق سىتۇدىنتلار كېرەك»، « خانىم قىزلار بىزنىڭ جەننىتىمىز ۋە يۈرىكىمىز»، مەھمۇدجان يانتاقنىڭ « ئائىلە ۋە مۇھەببەت مەسىلىسىدىكى كىرزىس»،«دەۋر، خىزمەت ۋە ئىشسىزلىق»،«ياشلىق ۋە قەدىر- قىممەت» قاتارلىق پوبلىستىك ماقالىلىرى كىتابخانلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا، ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ مۇلاھىزە تېمىسىغا ئايلاندى. ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلىنىڭ « سەھرالىق ئاتا» ناملىق ھېكايىسى 18- قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ شەرەپ سەھنىسىىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالدى.
«ئەدەبىيات چېيى»دىكى ئەدىبلەر يەنە ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارىي قىلدۇرۇپ، تەرجىمە ئىجادىيەتلىرى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەت يولداش تەرجىمە قىلغان 36 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « ماۋ ئەنيىڭ» قەشقەر ۋىلايەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە بۆلۈمى تەرىپىدىن ئاۋاز بېرىلىپ تارقىتىلدى ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە2013- يىللىق ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدىكى تېلېۋىزىيە فېلىملىرنى باھالاشتا 1- دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە تەرجىمە فېلىم مۇكاپاتىغا، ئەمەت يولداشنىڭ ئۆزى « مۇنەۋۋەر تەرجىمان» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە « ساداقەتمەنلىك ۋە ئاسىيلىق » ( باشقىلار بىلەن بىللە ) ناملىق كىتاپنى تەرجىمە قىلغان بولۇپ، بۇ كىتاپ نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. ئابابەكرى توختى تەرجىمە قىلغان «خۇرشىد دەۋران»، «مۇھەممەت سالىھ»، «ئاننا ئەھمىدىۋا» قاتارلىق چەتئەللىك شائېرلارنىڭ بىر تۈركۈم شىئېرلىرى، مەخمۇتجان يانتاقنىڭ «كېسەل كۆرسىتىش ۋە سالاھىيەت»،«دېھقانلار ئۆز ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلسۇن»، «دېمۇكراتىيە ھاۋالىسى» قاتارلىق فىلىيەتۇنلار ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.
باھار بوسۇغىدىكى چېچەكلەر
بەش يىللىق ئىلھام ۋە رىغبەتلەندۈرۈش يۇقىرىقىدەك ئەدەبىيات-سەنئەت گۈلزارلىقىنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلىش بىلەن بىللە بۇ رەڭدار چىمەنلىككە يەنىمۇ ھۆسىن قوشىدىغان يېڭى بىر باھارغا قەدەم قويغان بولۇپ، يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى 50 كە يېقىن ئەدىب مۇشۇ بەش يىل داۋامىدا يەنە ھەر دەرىجىلىك نەشرىيات ئورۇنلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىي مېۋىلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىدىن بىر تۈركۈم توپلاملارنىمۇ سۇنغان بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك نەشرىياتلار تەرىپىدىن بۇ يىللىق نەشىر قىلىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن توپلاملاردىن ئادالەت ئابدۇرېھىمنىڭ« ئىپارخان» ناملىق تېرىلوگىيەسى، « ئاھۇ كۆز » ناملىق پوۋسىتلار توپلىمى، « پەرىشتىنىڭ قانىتى » ناملىق نەسىرلەر توپلىمى، ئابدۇكېرىم خۇجا ئابدۇرېھىمنىڭ« ئەلۋىدا، سىيىت نوچى» ناملىق رومانى، قۇربان ئابلىمىتنىڭ « كۆزۈمدىكى كېچە» ناملىق شىئېرلار توپلىمى، مەھمۇتجان يانتاقنىڭ«كونا ھىجران»،« گۈلدىن قايتىش»،«قاراق ۋەسلى»،«كىرزىس ۋە مەنىۋىيەت»، «ياشاش ۋە قەدىر قىممەت» قاتارلىق شىئېر، پوبلىستىك ماقالىلار توپلاملىرى، ئابابەكرى توختىنىڭ« چېكىلمىگەن دەرىزە»،« چۈمۈلىلەر مەكتىپى» قاتارلىق شىئېرلار توپلىمى، غەنىزاد ئۇيغۇرنىڭ« چېقىلغان روھ» ناملىق شىېرلار توپلىمى، مەمتىمىن ئابلىزنىڭ «چۆجىگە ئايلانغان تۆگە» ناملىق فېلىيەتۇنلار توپلىمى، قۇربان ئابلىمىتنىڭ«شامال بالا» ناملىق شىېرلار توپلىمى، قۇربان ئەمەت نەسىرلىرى يۈرۈشلۈك توپلىمى قاتارلىق توپلاملار بولۇپ، بۇلار يېقىن كەلگۈسىدە كېتابخانلار ھوزۇرىغا سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.
بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى قەشقەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغان مەرىپەت ۋە ئېلىم سۆيەر كىشىلەردىن قەشقەر سەمەن گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ لىدىرى ئىبراھىم سەمەن ۋە يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان مەرىپەتپەتسۆيەر تېبابەت ئەربابى ئابدۇشۈكۈر ئېمىن قاتارلىقلار ئۆز يانلىرىدىن بىر تۈركۈم ئىقتىساد چىقىرىپ، يۇقارقى ئەدىبلەرنىڭ تۈرلىك ژانىرلاردىكى كىتابلىرىنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ ، ئۇلارغا مەدەت بەرگەن.
يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كاتىبى ئەمەت يولداش ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنىڭ ناھىيەمىزنىڭ ئىلغار مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ناھىيەمىزنى سىرتقا تونۇتۇش، ناھىيەمىزنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ. بىز ناھىيەمىزدە ئەدەبىيات– سەنئەت ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بىرەر تەشكىلى ئاپپارات ياكى جەمئىيەت بولمىغان شارائىت ئاستىدا ئۆزىمىز كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىىتىپ ئەدىبلەر قوشۇنىنى زورايتىپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يۇقىرىقىدەك بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇردۇق. ھازىر ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتنىڭ رەھبەرلىرى بىزگە دىققەت قىلدى، بىز ناھىيەمىزدە يازغۇچىلار جەمئىيىتىدىن بىرنى قۇرۇش شۇنداقلا 80- يىللاردا ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى نامىدا نەشر قىلىنغان « سۈبھى» ناملىق ژۇرنالنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ھەققىدە دوكلات سۇندۇق. ناۋادا دوكلاتىمىز پات- ئارىدا تەستىقلىنىپ قالسا، بىز مۇكەممەل بىر تەشكىلىي ئاپپارات ئاستىدا تېخىمۇ زور ۋە ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ ناھىيەمىزدە پورەكلەپ ئېچىلىپ تېخىمۇ خۇشپۇراق چېچىشىغا تۆھپىمىزنى قوشۇش ئىرادىمىز كۈچلۈك.
ئاخىرقى سۆز
« قەشقەر گېزىتى»نىڭ پىنسىيۇنىېرى ، شائىر تاھىر تالىپ مۇنداق دېدى: يېڭىشەھەر ناھىيەسى داڭلىق بىر تارىخىي مەدەنىيەت-پولكلور يۇرتى، مۇشۇنداق دىياردىن تېخىمۇ كۆپلەپ قەلەم ساھىبىلىرى يېتىشىپ چىقمىسا، ئۆزىمىزگە لەنەت دېيىشتىن باشقىغا ھەققىمىز قالمايدۇ.
شائىر ھوشۇر ئىبراھىم شېئىر ئوقۇماقتا
ياش شائىر ئابابەكرى توختى
ياش شائىر، تەرجىمان ئەمەت يولداش
پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved