تاجىكىستان مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى دۈشەنبە شەھىرىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 2015-يىلى ئۆزپۇل سومونىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاش ئۈچۈن مەركىزى بانكىنىڭ 445.1 مىلىيون دوللار مەبلەغ سېلىپ تاشقى پېرۋوتقا ئارىلاشقانلىقىنى ئېيىتتى.
ئۇ :«2015-يىلى ئۆزپۇل سومونىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىنى مۇقىملاش ئۈچۈن مەركىزى بانكا نەق پۇل پېرۋوت بازىرىغا 61.7 مىلىيون دوللار مەبلەغ سالدى، نەق پۇل بولمىغان پېرۋوت بازىرىغا 383.4 مىلىيون دوللار مەبلەغ سېلىپ تاشقى پېرۋوتقا ئارلاشتى.» دېدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تاجىكىستان ئۆزى پۇلى سومونىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىۋاتقان ئامىل ئاساسلىقى تاشقى ئامىل ئىكەن، بولۇپمۇ روسىيە پەيدا قىلغان مۇرەككەپ جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەت ۋە روسىيەنىڭ ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىشىنى چۆرىدىگەن. روسىيە بولسا تاجىكىستاننىڭ سىتراتىگىيەلىك ھەمراھى ۋە ئاساسلىق ئىقتىسادى ھەمراھى.
تاجىكىستان مەركىزى بانكىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، سومونىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرۋوت نىسبىتى %31.7 چۈشۈپ، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى 5.3074 سومونىنى بىر دوللارغا ئالماشتۇرۇش پېرۋوت نىسبىتىدىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى 6.9902 سومونىنى بىر دوللارغا ئالماشتۇرۇشقىچە چۈشۈپ كەتكەن. نەق پۇل پېرۋوت بازىرىدىكى نىسبەت بويىچە، سومونىنى دوللارغا ئالماشتۇرۇش نىسبىتى %38.6 چۈشۈپ، 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى 5.47 سومونىنى 1 دوللارغا ئالماشتۇرۇشتىن 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى 7.58 سومونىنى بىر دوللارغا ئالماشتۇرۇشقىچە چۈشۈپ كەتكەن.
ئۇنىڭ يەنە كۆرسىتىشىچە، تاشقى سودا سوممىسى چۈشۈپ كېتىپ چەتئەلدىن كېلىدىغان نەق پۇل پېرۋوت سوممىسى كېمەيگەن، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ چەتئەل مەبلىغىگە ئېرىشىشىنىڭ مۇمكىنچىلىكى چەكلىمىگە ئۇچرىغان، ئاساسلىقى سودا ھەمراھى، بولۇپمۇ روسىيە ۋە قازاقىستان ئىقتىسادى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولماسلىقى سومونىنىڭ پېرۋوت نىسبىتىدە پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved