ئامېرىكا ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى مېخان تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ: ھازىر گېرمانىيەنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىڭ تېررورچىلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئالامەتلەر يوق دېدى.
مېخان مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئەمەلدارى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيە بىلەن ئالاقىنى ئىزچىل ساقلىدى ۋە ياردەم بەردى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى بويىچە مەسلىھەتچىسى ئوباماغا ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى پۇساجى بايانات ئېلان قىلىپ: ئامېرىكا ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندا ئامېرىكىلىق يولۇچىلارنىڭ بار يوقلىقىنى ئېنىقلاۋاتىدۇ دېدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved