1 . تېز ئىنكاس قايتۇرۇشقا ماھىر بولۇش: بازار ۋە تىجارەت مۇھىتى ھەش – پەش دېگۈچە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا تىجارەتتە سەگەكلىك بىلەن بازار ئۆزگىرىشىگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئاز دەسمايە بىلەنمۇ كۆپرەك پايدا ئېلىپ، ئىگىلىكىنى روناق تاپقۇزغىلى بولىدۇ.
2 . جانلىق تىجارەت قىلىش: بەزى كارخانا ۋە تىجارەتچىلار تىجارەتتە ھەمىشە ‹‹كۈتۈش››كە ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ بىر پاسسىپ ئەھۋال، بازار مۇھىتىغا ماسلىشىپ تىجارەت قىلغاندا، چوقۇم ئوبوروتقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. داۋاملىق جانلىق تىجارەت قىلغاندا، ئىستېمالچىلار بىلەن ئاسانلا مۇقىم ئالاقە ئورنىتىپ، ئوبوروتنى يۈرۈشتۈرۈپ، خاتىرجەم پۇل تاپقىلى بولىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىش بەزى ئىستېمالچىلارغا تولىمۇ ياقىدۇ.
3 . ئاز پايدا ئېلىپ، كۆپلەپ ساتقاندىلا مال بېسىلىپ قالمايدۇ: باھانى تۆۋەنلىتىپ، ئاز پايدا ئېلىپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلغاندا، پۇل تېپىش نىشانىغا ئوڭۇشلۇق يەتكىلى بولىدۇ، مال بېسىلىپ قالسا، مۇقەررەركى كېيىنكى تىجارەتكە تەسىر يېتىدۇ، شۇڭا، مالنى كۆپلەپ سېتىپ، ئاز پايدا ئېلىشمۇ ئاقىلانە تەدبىردۇر.
4 . تىجارەتتە ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئالدىراقسانلىق قىلماسلىق كېرەك: نۇرغۇن كىشى كۆپ پۇل تېپىشنى ئويلايدۇ، لېكىن، كۆپ ساندىكى كىشى بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمەيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى نەدە؟ بەزىلەر پۇل تېپىشتا بەك ئالدىرايدۇ، ئۇششاق تىجارەتنى ياراتمايدۇ، چوڭ تىجارەتنى قاملاشتۇرالمايدۇ، بازار ئۇچۇرىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن كاتتا باي ئىشنى ئاۋۋال ئۇششاق تىجارەتتىن باشلاپ، ئىگىلىك تىكلىگەنلەردۇر.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved