خۈي سۇڭ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .سىز تۇخۇم شاكىلى ئارقىلىق بىر نەچچە خىل كېسەلنى داۋالىغاننى ئاڭلىغانمۇ ؟بەلكىم سىزمۇ تۇىۇم شاكىلىنى ئالدىراپلا كېرەكسىز دەپ ئەخلەت چېلىكىگە تاشلايدىغانلار قاتارىدىن بۇلىشىڭىز مۇمكىن .ئەمما سىز تۆۋەندىكىلەرنى ئۇقۇغاندىن كېيىن بۇ خىل ئادىتىڭىزنى ئۆزگەرتىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن ، سىز تۇىۇم شاكىلىنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ ،تۇىۇم شاكىلىنىڭ مۇنداقمۇ ھۈنەرلىرى بار :
تېرىنى سىلىق قىلىدۇ
تۇخۇم شاكىلى ئىچىدىكى بىر قەۋەت تۇخۇم ئېقىنى چىقىرىپ، بىر قوشۇق سۈت پاراشوكى ۋە بىر قوشۇق ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكەلگەندىن كېيىن ، ئۇخلاشتىن ئىلىگىرى يۈزىنى پاكىز يۇيۇپ قۇرۇتۇپ ، يۈزگە تەكشى سۈرۈپ يېرىم سائەتتىن كېيىن يۇيۇۋەتسە بولىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت ھەر كۈنى كەچتە شۇنداق قىلىپ بەرگەندە يۈز تېرسى سىلىق بۇلىدۇ .
بالىلاردىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسەللىكىنى ساقايتالايدۇ
تۇخۇم شاكىلىدا90پىرسەنىت تىن كۆپ كالتىسىي كاربونات ۋە ئاز مىقىداردا ناترىي كاربونات، ھىدروفوسفات قاتارلىقلار ماددىلار بار . شۇڭا تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ تالقانلاپ ، بالىغا ئىچۈرگەندە بالىدىكى سۆڭەك يۇمشاقلىشىش كېسلىگە شىپا بولىدۇ .
ياللوغىنى يوقىتىپ ، ئاغرىق توختىتالايدۇ
تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇيۇپ ، تالقانلاپ يارىلانغان جايغا سەپكەندە، يارىلانغان جاي ياللۇغلىنىپ ،قالماي تېز ساقىيىدۇ .
ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتەلەيدۇ
تۇخۇم شاكلىنى پاكىز يۇيۇپ ئۇششاقلاپ ، بوش ئوتتا سارغايغۇچە قۇرۇغاندىن كېيىن تالقانلاپ ، ھەر كۈنى بىر تۇخۇم شاكىلغا تەڭ مىقىداردا ئېلىپ، ئىككى ئۈچ قېتىم تاماقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن قايناق سۇ بىلەن ئىچكەندە، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي جاراھىتگە ئاشقازان ئاغرشقا شىپا بولىدۇ .
كۆيۈكنى ساقايتالايدۇ
تۇخۇم شاكىلى ئىچىدىكى نېپىز پەردىنى چىقىرىۋېلىپ ، كۆيگەن جايغا چاپلاپ قويغاندا، كۆيگەن جاي ئون كۈن ئەتراپىدا ساقىيىىپ كېتىدۇ، چاپلانغان ھامان ئاغرىقىنمۇ توختىتىدۇ.
بۇنىڭدىن سىرىت يەنە تۇخۇم شاكىلى ئارقىلىق ئۆي ھايۋانلىرىدىكى بەز كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا بولىدۇ ،مەسلەن :تۇخۇم شاكىلى بىلەن توشقانلاردىكى راخىت كېسىلىنى داۋالاش : تۇخۇم شاكىلىنى پاكىز يۇغاندىن كېيىن ، ئۇنى سارغايغىچە قورۇپ ، تالغانلاپ ھەر كۈنى ئەتىضىنى ۋە كەچلىكى بىر قېتىمدىن ھەر قېتىمدا 20 گىرامدىن ئۇدائالتە يەتتە كۈن يېگۈزۈڭ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ :ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved