مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرام مەزگىلىدە سوۋغا قوبۇل قىلىشنى چەكلىدى

    مائارىپ  مىنىستىرلىقى 30-دېكابر 2016 - يىللىق يېڭى يىل، چاغان، قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىكى  ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى بېسىپ تارقاتتى.  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قىشلىق تەتىلدە چاغان ۋە يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى  باشلىنىشنىڭ ئالدى-كەينى قاتارلىق مۇھىم ۋاقىتلارغا قارىتا، جايلار مائارىپتا پاك  بولۇش تەلىپىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا  ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلار سوۋغا قىلغان سوۋغات پۇلنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق  قىلمىشلارنى قاتتىق چەكلەيدۇ.  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلدى: جايلاردىكى  مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك -  ئىنتىزامچان بولۇش مىزانى»ۋە «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»نى  چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەستايىدىل  ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەركەزنىڭ  سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىي ۋە «تۆت خاھىش» قا قارشى تۇرۇش تەلىپىنى قاتتىق  ئىجرا قىلىش كېرەك.  ئەمەلىي تېجەشلىك بولۇپ پارتىيە، تۇەن، ئىشچىلار  ئۇيۇشمىسى پائالىيىتىنى نورمال، ياخشى تەشكىللەپ، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى  بەلگىلىمە بويىچە نورمال پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن قىلىش  كېرەك.  

    ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مائارىپ  تارماقلىرى ۋە مەكتەپ مالىيە – ئىقتىساد ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، يىل ئاخىرىدا پۇل  خەجلەش، قالايمىقان ئىقتىسادىي ياردەم پۇلى، مۇكاپات پۇلى ۋە ماددىي بۇيۇملارنى  تارقىتىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ئەمەلىي تېجەشلىك بىلەن بايرام ئۆتكۈزۈش مۇھىتىنى  يارىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە خىزمەتتىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ  ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلىشىنى چەكلەش كېرەك.  

    پارتىيە  ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ -  ئىچىپ، ساياھەت قىلىپ ۋە يۇقىرى ئىستېماللىق كۆڭۈل ئېچىش، بەدەن چېنىقتۇرۇش  پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا -سالام،  پوجاڭزا قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىشنى قاتتىق چەكلەش كېرەك. ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلنى  شەخسي ئىشىغا ئىشلىتىش ياكى شەخسىي ئاپتوموبىلنى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن بېقىش قاتتىق  چەكلىنىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ شەخسىي ئارامگاھغا بېرىش قاتتىق مەنئىي  قىلىنىدۇ.  

     مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى، ھەر دەرىجىلىك  مائارىپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى  مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپ  قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، «بايرام چىرىكلىك» ىنى قەتئىي رەت  قىلىش كېرەك.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-01-2016
        مۇخبىرنىڭ جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن ئىگەللىشىچە، ئېلىمىز يېزا ئىگىلىكىنىڭ چەتئەلگە يۈزلىنىشىگە پەن تېخنىكا جەھەتتىن مەدەت بېرىش مەقسىتىدىكى جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئاكادمىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى يېزا ئىگ...
21-01-2016
       مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدە تۈردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:...
20-01-2016
     مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭدىكى 19 ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئالىي تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە جەمئىي 66 كەسىپ كۆپەيتىلىدىغان بولۇپ، بۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەسىپ ئەڭ ك...
18-01-2016
     تۇرسۇن ھۇشۇر ئائىلە قىرائەتخانىسدا كىتابلارنى رەتلىمەكتە    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان مولنىياز خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيە ياتۇر يېزا مەدەنىيەت-تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ سابىق باشلىقى تۇرسۇن ھوشۇر 2009-ي...
18-01-2016
    2016-يىلى 13-يانۋار سائەت 15:00 ئەتراپىدا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋېيياڭ شۆبىسى دامىڭگۇڭ ساقچىخانىسى چارلاش ساقچىلىرى تەۋەلىكىنى چارلاش جەريانىدا بىر قارا رەڭلىك دالا ئاپتوموبىلىنىڭ سىگنال سىمىنى چىقىرىپ قويغانلىقىنى، ماشىنىدى...
18-01-2016
       كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، كورىيە مائارىپ گۈللەندۈرۈش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئىلمىي ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، 2013-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە، چاۋشىيەندىكى باشلانغۇچ، تولۇقسىز ۋ...
15-01-2016
        خەلقئارا بالىلارنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي مائارىپ ۋە تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىمى كىرىسسي خانىم 14-يانۋار كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزىي مەكتەپ ۋە ئاۋات يېزا مەركىز...
15-01-2016
      خېجىڭ ناھىيەلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى بىلەن خېجىڭ ناھىيەلىك «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى» ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ قىشلىق تەتىلنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن 14-يانۋار «شەرققە قايتىش كۇتۇپخانىسى»دا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائال...
15-01-2016
      13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلىنىشقا ئالتە كۈن قالغاندا، تەڭرىتاغ تورىنىڭ مېھىرلىك پىدائىيلارغا ئەزا توپلاش پائالىيىتى قىزغىنلىق بىلەن داۋاملاشتى. تەڭرىتاغ تورى كۆپچىلىكنى مېھىرلىك پىدائىيلار ئەتر...
14-01-2016
            12-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قارايدىغان پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپل...
Powered by Leglek