iPhone 6s ۋە 6s Plus رەسمىي مال ئەۋەتىش باسقۇچىغا كىردى

سىنا تورى خەۋىرى:

AppleInsider قاتارلىق چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما شىركىتى ئامېرىكىدىكى تېلېگراف خەۋەرلىشىش كارخانىلىرى بىلەن بىللە يېڭى ئايفوننى ئالدىن زاكاز قىلغان خىرىدارلارغا ئۇقتۇرۇش يوللاپ، ئۇلار زاكاز قىلغان يانفوننىڭ ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ مال ئەۋەتىشنى باشلىغانلىقى، مۇشۇ ھەپتىنىڭ جۈمە كۈنى قولىغا تېگىدىغانلىقىنى ئېيتقان.


ئامېرىكىدىكى ئالما تور دۇكىنىدا، iPhone 6s ۋە 6s Plus قاتارلىقلار زاكاز قىلىنىپ نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كىيىنلا «مال ئەۋەتىشكە تەييارلىنىش» باسقۇچىغا ئۆتكەن، خىرىدارلارنىڭ ئىنكاسىغا قارىغاندا، ئۇلار ئالما شىركىتى ئەۋەتكەن ئېلخەت يوللانمىسىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا يانفوننىڭ ئاللىقاچان توشۇلۇش ئۈستىدە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ئالما شىركىتى iPhone 6s ۋە 6s Plus نى ئامېرىكىدا UPS ۋە فىدراتسىيە تېز يوللانمىسى قاتارلىق تېز يەتكۈزۈش شىركەتلىرى ئارقىلىق ئەۋەتىدىغان بولۇپ، 25-سېنتەبرگىچە خىرىدارلارنىڭ قولىغا تېگىپ بولۇشنى تەلەپ قىلغان. ئۆتكەن بىر قانچە يىل ئىچىدە، بىر قىسم تەلەيلىك خىرىدارلار تېخى مالنى بىر كۈن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالغان.


iPhone 6s ۋە 6s Plus قاتارلىقلار 12-سېنتەبردىن باشلاپ زاكاز قوبۇل قىلىشنى باشلىغان، تۇنجى تۈركۈمدە ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، كانادا، جۇڭگو، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شىياڭگاڭ، ياپونىيە، يېڭى زېلاندىيە، سىنگاپور، پوئېرتو رىكو ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بازىرىغا كىرگۈزۈلگەن.

ئالما شىركىتى بۇ قېتىم مال ئەۋەتىشكە تولۇق تەييارلىق قىلغان، زاپاس مال سانى يېتەرلىك ئىكەن،  ئالما تور دۇكىنى iPhone 6s نى 2-3 ھەپتە ئىچىدە، 6s Plus نى بولسا 3-4 ھەپتە ئىچىدە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىر قىسىم ئالما مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدا يېڭى ئايفوننى 25-سېنتەبر كۈنى سېتىۋېلىشقا ئالدىن كېلىشىشكە بولىدىكەن.




خەتكۈچلەر:
21-09-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
    بارماق ئىزىنى تونۇش ئىقتىدارى نۆۋەتتە بارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلاردا دېگۈدەك كەڭ كۆلەمدە ئومۇملىشىپ كەتتى، ئۇنىڭ شەكلى ۋە ئىقتىدارىدىمۇ ئۈزلۈكسىز دەرىجىدە ئىلگىرىلەش بولۇۋاتىدۇ. يىقىندا، LG شىركىتى ئەينەكتىن تۈزۈ...
02-05-2016
   شىياۋمى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆزىنىڭ چوڭ ئېكرانلىق يانفونى شىياۋمى Max نى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىللە ئېلان قىلىدىغان يەنە بىر يېڭى مەھسۇلاتى بولسا، 2-ئەۋلاد شىياۋمى بىلەيزۈكى. ئىلگىرى شىياۋمى قۇرغۇچىسى لېيجۈن بىلەن ئ...
01-05-2016
يېقىندا، MSN خەنزۇچە تورى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە خەتلىك مۇلازىمىتىنى توختىدىغانلىقىنى ھەمدە ئابونتلارنىڭ بۇندىن كېيىن بۇ تور بېكەت تەۋسىيە قىلغان باشقا تور بېكەتلەرنى داۋاملىق زىيا...
01-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 1-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىگىلىگەن ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ئالاقە تورى Facebook نىڭ قۇرغۇچىسى زاكېربېرگ (Zuckerberg) ئالدىنقى يىلى ئۆزىنىڭ شەخسى ئامانلىقىنى قوغداش ئۈ...
01-05-2016
     يېقىنقى بىر قېتىملىق سۆھبەتتە، تېسلا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېلون ماسك شىركەتنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد ئاپتوموبىلى توغرىسىدا توختالدى. ئېلون ماسىك نورۋېگىيە ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن كەلگۈسى قاتناشنى ھەل قىلىش يىغى...
01-05-2016
گۇگېل شىركىتى نەچچە يىلدىن بېرى كۆپلىگەن Nexus ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىپ كەلدى، شۇنداقلا ئابونتلاغا ئەڭ ساپ ئەسلى Android ئارتۇقچىلىقلىرىنى ھېس قىلدۇردى. مەھسۇلات لىنىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، گۇگېل شىركىتى Nexus تاختا كومپىي...
30-04-2016
    تەيۋەن تاراتقۇلىرىدىن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما iPhone7/Plus يانفونلىرى 3-باسقۇچلۇق سىناقنى تاماملىغان، ئەگەر باشقىچە ئۆزگىرىش بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ يېڭى بىر ئەۋلاد ئايفوننىڭ لايىھەسىدە ئانچە كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدىكەن. ئېيت...
30-04-2016
    بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا Galaxy J72016 ۋە Galaxy J5 2016 نۇسخىلىق يانفونلار ئېلان قىلىنغان ئىدى، بۈگۈن سامسۇڭ شىركىتى بۇ ئىككى خىل نۇسخىدىكى يانفونلارنىڭ كورىيەدە رەسمىي بازارغا سېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.  نۆۋە...
30-04-2016
     پەن-تېخنىكا تورى خەۋىرى. بەل، دۈمبە ئاغرىش ئىشخانا خىزمەتچىلىرىدە ئومۇميۈزلۈك كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. ئۇزاق ۋاقىت ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغاندا، بويۇن ئومۇرتقىسى كېسەللىكى، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى ئۆزگىرىش، بەل ئارىلىق ...
30-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرى مۇنداق دېگەن، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى دېڭىز قىرغىقى ئوراپ تۇرغان پىششىقلاپ ئىشلەش بەلبېغىدا، نەچچە مىڭ زاۋۇت ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن بىر مەيدان ماشىنا ئادەم ئارقىلىق ھەرىكەتلەندۈرىدىغان، دۇ...
Powered by Leglek