نامرات كىشىلەر قانداق قىلسا تېز پۇل تاپالايدۇ؟

      قانداق كىشىلەر ھەقىقىي نامرات كىشى ھېسابلىنىدۇ؟بىرىنچى، ئوقۇش تارىخى يوق، يەنى بىلىمىدە نامرات كىشىلەر.

      خوجايىن چەتئەللىك كىشىلەر بىلەن تىجارەت ئۈستىدە پاراڭلىشىۋاتقاندا بىر ئېغىر ئېنگلىزچە گەپ چىقىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن خوجايىن   سىزدىن «ئېنگىلىزچە بىلەمسەن» دەپ سورىۋىدى، يۈزلىرىڭىز قىزىرىپ كەتتى.

      ئىككىنچى، پۇلى يوق، بايلىق جەھەتتە نامرات.

     ئاتا- ئانىسى دېھقان، ئۆي بېساتىنىڭ تايىنى يوق، تۇرمۇشى ئەتىگىنى ئاخشامغا كۆزى يەتمەيدىغان ھالەتتە.

     ئۈچىنچى، ئارقا تىرىكى يوق، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە نامرات.

     پۇلى، ئوقۇش تارىخى بولمىسا ئارقا تىرىكىمۇ بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

     رىئاللىق ناھايىتى ئەمەلىي، بەزىدە ئارقا تىرەكمۇ ئۆزىگە لايىق بولىدۇ، ھۆكۈمەتتە ئەمەلدارنىڭ ياردەم بېرىش ئوبيېكتى يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە كىشىلەردۇر،تاۆەن مائاشلىق خىزمەت ئىزدەش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياردىمى كېرەك ئەمەستە، ھازىر ھەممىلا يەردە ئىشچى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. پۇلدار قېرىندىشىڭىز بولسا، ئۇلار پۇلىغا ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋالىدۇ، تىجارەت قىلىدۇ، ئۇلارغا ئوخشاشلا پۇل لازىم. پۇلى يوقلار پۇلى بارلاردىن قەرز ئالماقچى بولسا، پۇلى بار ئادەم ھامان بانكىغا يەنە نەچچە 100 مىڭ يۈەن ئۆي قەرزى، ماشىنا قەرزى بارلىقىنى ئېيتىدۇ، ئۇلارنى دېگىنى ھەق، ئۇلارنى توغرا چۈشىنىشىڭىز كېرەك. ھازىرقى زاماندا قايسى بىر باي بانكىدىن پۇل قەرز ئالمىغان؟ پۇلى بار خوجايىنلار شىركەت نامى بىلەن بانكىدىن قەرز ئالىدۇ، ئۇلار قەرز ئالغان پۇللار سىزنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويالايدۇ.

        كىچىك ۋاقتىمدا مۇئەللىم ئېيتىپ بەرگەن مۇنداق بىر ھېكايە ئېسىمگە كەلدى: «بىر نامرات بالا پۇلدار ھاممىسىدىن ئاشلىق ئۆتنە ئالماقچى بوپتىكەن، ھاممىسى ئۇنىڭغا: مېنىڭ توخۇم، ئۆردىكىم، غېزىم، كالام، قويۇم، ئېتىم ھەر كۈنى نەچچە شىڭ ئاشلىق يەيدۇ، ئاشلىقىم ئۇلارنىڭ يېيىشىگە ئاران يېتىدۇ، ساڭا ئاشلىق ئۆتنە بەرسەم، بۇ ھايۋانلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قالىدۇ، دەپتۇ.» ھازىرقى ھاممىلار چارۋا باقمايدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆي، دۇكان سېتىۋېلىپ، كەلگۈسىدە بىر ئېغىزنى ئىككى ئېغىزغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئوقۇش تارىخى بولمىغان نامرات كىشىلەرگە پۇل قەرز بەرمەكچى بولسىڭىز، نەچچە يىلدىن كېيىن ئەخمەققە ئايلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. ئۇلار مۇشۇنداق تەپەككۇر قىلىدۇ، ھاممىلارنىڭ خاتالىقى يوق، نامرات كىشىلەرنىڭ بېيىش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن.

ئانالىز قىلىپ باقساق، قارىماققا نامرات كىشىلەرنىڭ بىرەرمۇ توغرا ئىشى يوق، قاتمۇ- قات مۈشكۈلات ئىچىدە قالغان. ئەمەلىيەتتە، نامرات كىشىلەر قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، پۇرسەت ئىزدەيدىغان بولسا، ئۇلار ئۈچۈن پۇل تېپىش ئانچە قىيىن ئىش بولماسلىقى مۇمكىن.

     بىرىنچى، نامراتلىق نامراتلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى.

     ئىگىلىك تىكلىسىمۇ نامرات، ئىگىلىك تىكلىمىسىمۇ نامرات، ئىشقىلىپ نامرات بولغاندىكىن نېمىشقا ئىگىلىك تىكلەپ باقمايسىز؟ ئىگىلىك تىكلەش نامراتلارنىڭ تېزلىكتە باي بولۇشىدىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق چىقىش يولى، ئىگىلىك تىكلەشتە باي- نامرات دەپ ئايرىلمايدۇ، ئوقۇش تارىخى مەسىلىسىدىن قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەندە ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشتىكى قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، خوجايىننىڭ نەزىرىدە، نەتىجىڭىزنىڭ ياخشى بولۇشى ئىقتىدارىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مەلۇم بىر كۈندىلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار ساھەسىدە، ئەگەر سىز 60 مىليونلۇق تىجارەت سوممىسىنى 600 مىليونغا يەتكۈزەلىسىڭىز، خوجايىن بەلكىم «ئېلانغا شۇنچە كۆپ پۇل خەجلىگەن تۇرسام، چوشقا بولغان تەقدىردىمۇ تىجارەت سوممىسىنى ئاشۇرالايتتى.» دېيىشى مۇمكىن. كېيىن بەلكىم پەقەت چوشقىلا مۇشۇنداق گەپنى قىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ، ئەمما بۇنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

     جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە نۇرغۇنلىغان تەرەققىيات پۇرسىتى بولىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتتە خىزمەتلەرنىڭ %70- %80 تىگە يۇقىرى ساپالىق ئىختىساس ئىگىلىرى كېرەك بولمايدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسى بولسىلا ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. كەسىپتە باي- نامراتلىق پەرقى بولمايدۇ، بايلار بىر مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىسە، نامراتلار 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىيەلەيدۇ.

    ئىككىنچى، پۇلىڭىز كۆپ بولمىسا، ئۆزىڭىزگە ئەڭ پىششىق بولغان ئۇششاق تىجارەتنى تاللىسىڭىز بولىدۇ.

     سىز بىر پادىچى تۇرۇپ، ئايروپىلان تىجارىتىنىڭ پايدىسى جىقلىقىنى بىلىپ، ئايروپىلان ياسايمەن دەپ تۇرۇۋالسىڭىز بولمايدۇ ئەلۋەتتە، سىز ئايروپىلاننىڭ بىر تال ۋىنتىسىنىمۇ ياسىيالمايسىز، ياسىيالىغان تەقدىردىمۇ ساتالىشىڭىز ناتايىن. ئۆزى ياقتۇرىدىغان كەسىپتە ئىگىلىك تىكلەشكە ئەرزىيدىغان تۈرلەرنىڭ بار- يوقلۇقىنى ئىگىلەش كېرەك، ئىگىلىك تىكلەش پەقەت ئالىملارلا قىلالايدىغان ئىش ئەمەس.

      جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان تۈرلەر تېخى تۆۋەن سەۋىيەدە تۇرماقتا، ئىنتېر تورى بۇنچە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، ئاتومغا ئائىت ماتېرىياللارنىمۇ تاپقىلى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا سىزگە كېرەك بولغان تۇخۇمدىن چۆجە چىقىرىش تېخنىكىسى دېگەندەكلەرنى ئاسانلا تاپقىلى بولىدۇ، تېپىپ كەلگەن تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلسىڭىز يېڭى بىر ئىگىلىك تىكلەش نۇقتىسى تاپالىشىڭىز مۇمكىن ـــ ھازىرقى دەۋردە ئىگىلىك تىكلەش چارىسى ئىنتايىن پۇلغا يارايدۇ.

     ئۈچىنچى، كەسىپنى تاللىۋالغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن كەسىپداشلارنى ئىگىلەش، ئاندىن بىر قانچە كەسىپداشنى ئۆگىنىش ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلاردىن سېتىش يولىنى ئۆگىنىش.

ئۇلار سىزنىڭ ئۇستازىڭىز، ئۇلار چۆجىنى ئايغا ئېلىپ چىقىپ ساتماقچى بولسىمۇ، شۇلارغا ئەگىشىپ چىقىشىڭىز كېرەك. بەلكىم سىز ئاي شارىدا چۆجە باققىلى بولامتى دەپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. كەسىپداشلار بۇنداق سوراشمايدۇ، سىز شاگىرت تۇرسىڭىز بۇنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟ شاگىرت بولغانىكەن چوقۇم كەمتەرلىك بىلەن ئۇستازدىن ئۆگىنىشى كېرەك، شۇندىلا ياخشى شاگىرت بولالايدۇ. بەلكىم سىز ئانتراكتىكا قىتئەسىدە يېڭى بازار دەپ قاراپ، چۆجىنى ئانتراكتىكا قىتئەسىگە ئاپىرىپ سېتىشنى ئويلاپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، مۇنداق بىر نۇقتىنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ خەتىرى بار، ماڭغان ھەر بىر قەدەم يېڭىلىق ياراتقانلىقتۇر، نامرات كىشىلەر بۇنى قىلالمايدۇ، ۋاقتى كەلگەندەك چۆجە ئانتراكتىكا قىتئەسىدە توڭلاپ ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

      تۆتىنچى، بازار ئىزدەڭ، چۈنكى ئۇستازدىن ئۆگەنگەندە پەقەت بىر قانچە خېرىدارغىلا ئېرىشەلەيسىز، بۇ ئەسلا يەتمەيدۇ.

ئەمما بۇ خېرىدارلار بولسا چۆجىڭىز توڭلاپ ئۆلمەيدۇ، ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ قانات- قۇيرۇقى ئاستا- ئاستا يېتىلىپ، پەرۋاز قىلىشنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. توققۇز مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنغا ئىگە جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە بازىرىڭىز بار، ئىنتېر تورى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، يەر پۈتۈن شارىدىمۇ بازىرىڭىز بار، بازار چوڭايغاندىن كېيىن، سودا ساراينىڭ جەڭگاھقا ئوخشايدىغانلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلىسىز. نۇرغۇن كىشىلەر سىزگە «يېڭىلىق يارات، مەھسۇلاتلاردا پەرق بولغاندىلا ئاندىن بازىرى بولىدۇ.» دېيىشى مۇمكىن، بىزمۇ مۇشۇنداق قارايمىز، ئەمما بىز خاتالاشتۇق. ئىنتېر تورى تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، مەھسۇلاتلاردا پەرق قالمىدى، پارىژدىكى كىيىم- كېچەك مودېلى ت شەكىللىك سەھنىدە مۈشۈك قەدەم بىلەن مېڭىپ، جەزبىسىنى ۋە گۈزەللىكىنى نامايان قىلىۋاتقاندا، يىراقتىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە بۇنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسخىسى چىقىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
15-12-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek