جاھان ئاگېنتلىقى 21-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇرىيە ئۆكتىچىلەر ئىتتىپاقى، 6-ئاپرېل روسىيە پايتەختى موسكىۋادا بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە سۇرىيەدىكى بىر قىسىم ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار قاتنىشىدىغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن روسىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلدى.
سۇرىيە ئۆكتىچى ۋە ئىنقلابچى كۈچلەر ئىتتىپاقى، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان چوڭ يىغىندا، موسكىۋادا 6-ئاپرېل ئېچىلىدىغان يىغىنغا بارماسلىق قارارى چىقاردى. ئىتتىپاق، يانۋار ئېيىدا موسكىۋادىكى ئىككى تەرەپ ئۇچرىشىشغا، روسىيە تەرەپ رەسمى تەكلىپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن بارمىغان ئىدى.
بۇ قېتىم روسىيە رەسمىي تەكلىپ ئەۋەتكەن بولسىمۇ يىغىنغا بارماسلىقنى قارار قىلدى.
تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشقا سۇرىيە ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى، سۇرىيە ئىچىدە قانۇنلۇق پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قىسىم گۇرۇپپىلار ۋە « PKK»كۈرت ئىشچىلار پارتىيسىنىڭ سۇرىيە تارمىقى PYD قاتناشقان ئىدى.
6-ئاپرېلدىكى ئىككىنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشقا، «چەكلەنگەن رايۇنلار» پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان ب د ت سۇرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستافىن دى مىستۇرانىڭمۇ قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
سۇرىيەدىكى 5- يىلىغا يېڭىدىن قەدەم قويغان ئىچكى ئۇرۇشتا 220 مىڭدىن كۆپ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە مىليونلىغان سۇرىيەلىك باشقا دۆلەتلەرگە پاناھلاندى.
سۇرىيە ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى مۇداپىئە مىنىستىرى سەلىم ئىدرىس، ئەلجەزىرە مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، «موسكىۋادىكى ئۇچرىشىشنى ئەيىبلىدى ۋە بۇ ئۇچرىشىش، سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنى پارچىلاپ ، ئەسەد ھۆكۈمىتى مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان يېڭى بىر ئۆكتىچى پەيدا قىلىشنى مەقسەت قىلغان» دېدى.
![]() |
ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
|
![]() |
دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
|
![]() |
برازىلىيە كېڭەش پالاتاسى 12- ماي ئەيىبلەش دوكلاتىنى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭ روسىفنى 180 كۈنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرماقچى بولغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved