جوڭگو ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ۋەكىللەر ئۆمىكى لوس ئانژېلىسقا يېتىپ بارغانداكۈتىۋېلىشقا ئادەم بولمىغاچقا كوچىدا قونۇپ قالدى
سۇمۇرۇغ تورى ، 7 –ئاينىڭ 21 كۈنى ،2015 يىللىق لوس ئانژېلىس دۇنيا ئالاھىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئارقا-ئارقىدىن لوس ئانژېلېسقا يېتىپ كەلدى . بىراق گۇرۇپپا ھەيئىتى تەمىنلىگەن تىرانسىپورت كۈچى يېتىشمەسلىك ، قاتناش ئايلىنىشى راۋان بولماسلىق قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ، مىڭلىغان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى ئايرودروم ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئالىي مەكتەپ تەنتەربىيە سارايلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش مەركىزىدە تۇرۇپ قالدى ، مېھمانخانىلارغا كىرىشى قىيىن بولدى.
جوڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ كۈنى 19 سائەت ئەتراپىدا لوس ئانژېلېس خەلىقئارالىق ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى، 126 كىشىدىن تەشكىللەنگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى تاموژنىدىن ئۆتكەندىن كىيىن ئايروپىلان ئاۋىئاتسىيە بېكەت بىناسى ۋە يول بويلىرىدا كەچ سائەت 11:55 كىچە ساقلىغاندىن كىيىن ئاندىن كۈتۈۋېلىش ئۆمىكى تەششكىللىگەن ئاپتوبوسلارغا چىققان .بۇ ۋاقىتتا يەنە باشقا ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرودرومدا ساقلاپ قالغان بۇلۇپ ، ئارقا-ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان ۋەكىللەر ئۆمىكى ساقلاش سېپىگە قوشۇلماقتا ئىدى.
لوس ئانژېلېسنىڭ كېچە-كۈندۈزلۈك تېمپۇراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بۇلۇپ ، ئاللىقاچان يېرىم كېچە بۇلۇپ بولغان بولسىمۇ ، تېمپۇراتۇرا ئۈزلۈكسىز چۈشمەكتە ئىدى،ئايروپىلان ئارقىلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك يۈرىدىغان ئالاھىدە ئولىمپىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ بەزىسى يول بويىدا تىزىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرسا ، بەزىلىرى يول ئۈستىدىلا ئۇخلاپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى .
تونۇشتۇرۇشلارغا ئاساسلانغاندا ، جوڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكى بۇ نۆۋەتلىك ئالاھىدە ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرەش ، سۇ ئۈزۈش ،ۋاسكېتبول ، پۇتبول ، تىكتاك توپ ،ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ، گىمناستىكا ، تېيىلىش ، بولىڭ توپ ، پەي توپ قاتارلىق 10 چوڭ تۈر ، 69 كىچىك تۈر بويىچە مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان بۇلۇپ ، مۇسابىقە جەريانىدا يەنە تەنھەرىكەتچىلەر ساغلاملىق پىلانى ۋە شۇ شەھەرنىڭ كۈتۈۋېلىش پىلانى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىلىدۇ.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved