سۇمۇرۇغ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ھىندىستاندا نەچچە ئون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۇ يەر ۋاقتى7-دېكابىر يېڭى دېھلىدا نامايىش قىلىپ ،ھىندىستاندىكى باسقۇنچىلىق دېلولىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگە ئېتىراز بىلدۈردى .پائالىيەت داۋامىدا قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى .
شۇ كۈنى نەچچە ئون ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پايتەخت يېڭى دېھلىىنىڭ كوچىلىرىدا نامايىش قىلىپ ھىندىستاندىكى باسقۇنچىلىق دېلولىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ ساقچى دائىرىلىرىگە كۆپرەك ھەرىكەت قوللىنىپ بۇنداق دېلولارنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى
نامايىشچىلار يەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا كىرمەكچى بولۇۋاتقاندا قىسمەن ئوقۇغۇچىلار ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى .ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى بىر شەھەردە 5-دېكابىر باسقۇنچىلىق دېلوسى يۈز بەرگەن.بىر تاكسى شوپۇرى ئايال يولۇچىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇيۇش يولىدا ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلغان ھىندىستان ساقچى دائىرلىرى كېيىن تەكشۈرگەن ھەمدە گۇماندارنى قولغا ئالغان.
ھىندىستاننىڭ يېڭى زۇڭلىسى مودى 11-ئىيۇندىكى پارلامىت يىغىنىدا باسقۇنچى جىنايەتچىلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .لېكىن مودى سۆزىنى ئەمدى توختىتىشىغا ،بۇ دۆلەتتە يەنە ئارقا –ئارقىدىن باسقۇنچىلىق قىلىش ۋە باشقا تۈردىكى جىنايەتلەر يۈز بەرگەن.ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ،11-ئىيۇن ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى بىر 42ياشلىق ئايال 5 نەپەر جىنايەتچىنىڭ باسقۇنچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن جەسىدى دەرەخكە ئېسىپ قويۇلغان .
12-ئىيۇنمۇ 19ياشلىق قىزنىڭ جەسىدى دەرەخكە ئېسىلغان بولۇپ ،ساقچى تەرەپ بۇ قىزنىڭ باشتا باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى كېيىن ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكنى ئېنىقلىغان .
2013-يىلىمۇ ھىندىستاننى زىلزىلگە سالغان بىر قېتىملىق باسقۇنچىلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن بۇلۇپ ،ھىندىستان يېڭى دېھلىدا 15 ئايلىق بىر قىز بوۋاق 15-نويابىر باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان، باسقۇنچىلىق قىلغۇچى بىرلا ئادەم ئەمەس ئوخشايدۇ. قىز بوۋاقنىڭ ئانىسى قىزىنى ئوفېتسىرنىڭ مالىيىنىڭ ياتىقىدا يالغۇز قويۇپ، ئۆزى يۇقىرى دەرىجىلىق ھاۋا ئارمىيە ئوفېتسىرلىرىنىڭ ياتىقىغا ئىشلەمچىلىككە كەتكەنىكەن، قايتىپ كېلىپ قىزىنىڭ تۆۋەن تېنىدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.
مالاينىڭ ياتىقىغا ئالدى ۋە كەينى تەرەپتىن كىرگىلى بولىدىغان بولۇپ، قىز بوۋاقنىڭ ئانىسى شۇ جاي ۋاقتى 15-نويابىر چۈشتىن كېيىن 4تىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ياتاقتىن چىقىش ئالدىدا پەقەت ئالدى ئىشىكنى قۇلۇپلىغان ئىكەن. ساقچى تەرەپنىڭ ئۇچۇر مەنبەسىدىن كۆرسىتىلىشىچە، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن قارىغاندا، قىز بوۋاققا ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم باسقۇنچىلىق قىلغان، ئالىي ساقچى خادىملار كونكرېت تەپسىلاتلار دوختۇرخانىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ دېگەن .
خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، گۇماندار جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۆسمۈر ئىكەن، ساقچى تەرەپ 30 ياشلىق ئەر جيېگېنى رەسمىي قولغا ئاپتۇ. ئۇ قىز بوۋاقنىڭ ئانىسى چىقىپ كېتىپ 15 مىنۇتتىن كېيىن مالايلار ياتىقىغا كىرىپ كېتىپ، ئىچىدە تەخمىنەن 40 مىنۇت تۇرغان.
قىز بوۋاقنىڭ ئانىسى قايتىپ كېلىپ، قىزىنىڭ تۆۋەن تېنىدىن قان چىقىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى سافۇداجا دوختۇرخانىسىغا ئاپارغان، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە باسقۇنچىلىق قىلىنغانلىقى ئىسپاتلانغان، كېيىن بالىلار كېسىلى بۆلۈمىگە يۆتكەلگەن. دوختۇرلار قىز بوۋاقنىڭ ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئاندىن ساقىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved