100 يۈەنگە بۈگۈنكى كۈندە نېمىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ؟

    يېڭى نۇسخىدىكى يۈز يۈەنلىك پۇلنىڭ تارقىتىلغانلىقىغىمۇ مانا نەق بىر ئاي بولدى .«ھەشەمەتلىك خەلق پۇلى» نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى يۈز يۈەننى تېخىمۇ سالاپەتلىك ۋە قولى ئوچۇق قىلىپ نامايان قىلغان. ئۇنداقتا بۇ بىر ۋاراق 100 يۈەنلىك پۇلغا ھازىر نېمىلەرنى سېتىۋالغىلى بولار؟ بۈگۈن بىز بۇ بىر ۋاراق يۈز يۈەننىڭ باشقا بىرنەچچە دۆلەتتىكى سېتىۋېلىش كۈچى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىپ باقايلى.

     ئالدى بىلەن نەزىرىمىزنى دۆلەت ئىچىگە قاراتساق، 10 يىل بۇرۇن 100 يۈەن تېجەپرەك خەجلىسە ئۈچ جان بار بىر ئائىلىنىڭ بىر ھەپتىلىك تۇرمۇش خىراجىتىگە يېتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، مال سېتىۋېلىش تور بېكەتلىرىدىكى باھاغا قاراپ باقساق 100 يۈەنگە پەقەت بىر كىشى ئۆزى يالغۇز ھالدا بىر ۋاخ يەرلىك بېيجىڭ يەل قازان شورپىسى يېيەلەيدۇ. بۇرۇن كەڭ تارقالغان مەملىكەتتىكى رەئىسلەرنىڭ يۈرۈشلۈك تائامى بويىچە ھېسابلىساق، توردىكى بىر مانتىخانا چىقارغان ھېسابات تالونىدا بىر رەئىس يۈرۈشلۈك تائامى 21 يۈەن بولغان بولۇپ، 100 يۈەن بەش ۋاخ رەئىس يۈرۈشلۈك تائامى يېيىشكە دەل يېتىدۇ. ئەگەر دانىسى بەش يۈەنلىك تاۋا كاكچىسى يېسە، 20 كۈن يېگىلى بولىدۇ، بۇ بىر ئايلىق خىزمەت كۈنىدىكى ئەتىگەنلىك تاماققا يەتتى دېگەن گەپ.

100يۈەننى كۆڭۈل ئېچىش ئىستېمالىغا خەجلىسىڭىز قانداق بولار ؟

      نۆۋەتتىكى باھا بويىچە 100 يۈەنگە ئادەتتىكى KTV غا بېرىپ ئىككى سائەت ئويناپ كېلەلەيسىز. ياكى گۇگۇڭ خان سارىيىنىڭ بېلەت باھاسى40 يۈەن،دوستىڭىزنى ئېلىپ گۇگۇڭ خان سارىيىغا بېرىپ قار مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىپ رەسىمگە چۈشۈپ كېلەلەيسىز.

        ئۇنداقتا سەپەرگە چىققاندا قانداق بولار؟ 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى ئەڭ يېڭى ماي باھاسى بويىچە ھېسابلىساق، 92-نومۇرلۇق ماي ھازىر لىتىرى 5 يۈەن 6 مو. 100 يۈەنگە 6. 17 لىتىر ماي ئالغىلى بولىدۇ. بۇ ماي بىلەن 150 كىلومېتىر يولغا يىتىدۇ، يەنى بېيجىڭدىن تيەنجىنگە بارغىلى بولىدۇ. ئوخشاش نىسبەت بويىچە سېلىشتۇرساق، 100 يۈەنگە ئامېرىكىدا جۇڭگودىن ئىككى ھەسسە كۆپ ماي سېتىۋالغىلى بولىدۇ. يەنى ئامېرىكا يېڭى جېرسېي ئىشتاتىدىكى ماي باھاسىنىڭ ھەر لىتىرى ھازىر 3 يۈەن. بۇنداق بولغاندا، 100 يۈەنگە ئامېرىكىدا 33 لىتىر ماي قاچىلىغىلى بولىدۇ، يەنى بېيجىڭدىن تيەنجىنگە بېرىپ يەنە قايتىپ كەلگىلى بولىدۇ.

      100 يۈەنگە ئامېرىكىدا يەنە نېمىلەرنى سېتىۋالغىلى بولار؟ ھەر دوللارنى 45. 6 يۈەن بويىچە ھېسابلىساق، 100 يۈەن تەخمىنەن 5. 15 دوللار بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىدىكى دائىملىق يەل-يېمىش، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ باھاسىنىڭ ھەر قادىقى 1 دوللاردىن 2 دوللارغىچە بولىدۇ. بۇ نىسبەت بويىچە 100 يۈەنگە تەخمىنەن 10 جىڭ ئەتراپىدا ئالما ئالغىلى بولىدۇ. قارىغاندا بۇ تاۋارلارنىڭ باھاسى ئېلىمىزدىكى بىلەن ئانچە چوڭ پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن.

       ئۇنداقتا ئامېرىكىدىكى قىممەترەك تاۋارلار قانداقتۇ؟ كىتاب. ئامېرىكىدا ھەر بىر پارچە كىتابنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى تەخمىنەن 17 دوللار ئەتراپىدا. يەنى 100 يۈەنگە ئامېرىكىدىن بىر پارچىمۇ كىتاب ئالالمايسىز دېگەن گەپ، بۇنى ئىلىمىز بىلەن سېلىشتۇرساق ئەلۋەتتە كۆپ قىممەت. يەنى ئېلىمىزدىن يۈز يۈەنگە بىر تاغار ئوسما يىلتىزى (بەنلەنگىن) ئالالىغىنىڭىز بىلەن، ئامېرىكىدا ئىككى قاپ ياللۇغ قايتۇرۇش دورىسىمۇ ئالالمايسىز.

      ئەمدى قوشنىمىز ياپونىيەگە بارساق، 100 يۈەنگە نېمە ئالغىلى بولار؟ بىز ياپونىيەدىكى تاللا بازىرىدىن سۇشىنىڭ باھاسىنى تاپتۇق، رەسىمدىكىدەك بۇنداق سۇشىنىڭ ھەر قاچىسى 680 يىن ئىكەن. 12-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى پېرېۋوت نىسبىتى بويىچە، 100 يۈەن 1900 يىن بولىدۇ. يەنى 100 يۈەنگە بۇنداق سۇشىدىن ئۈچ قاچا ئالغىلى بولىدۇ. 100 يۈەن پەقەت ئىككى ۋاقلىق تاماققا ئاران يېتىدۇ دېگەن گەپ.

     ياپونىيەنىڭ كۆڭۈل ئېچىش ئىستېمال سەۋىيەسى ئېلىمىزدىن يۇقىرى. توكيونىڭ يېقىن ئەتراپىدىكى بىر كىنوخانىنىڭ بىلەن باھاسى 1800 يىن، ئوقۇغۇچىلار كىنىشكىسى بولسا بۇنىڭدىن سەل ئەرزان. شۇڭا 100 يۈەنگە پەقەت بىر تال كىنو بېلىتى ئالغىلى بولىدۇ، 3D كىنو كۆرىمەن دېسىڭىز ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن قىممەت.

     ھەرقاچان ھەممىڭلار ھازىر 100 يۈەنگە نۇرغۇن نەرسىلەرنى سېتىۋالغىلى بولىدىغان بۇرۇنقى ئاشۇ چاغلارنى سېغىنىپ قالدىڭلارغۇ دەيمەن ھە! ئۇنداقتا بۇرۇن 100 يۈەنگە نېمىلەر كېلىدىغانلىقى يادىڭىزدا بارمۇ؟ بۇرۇن 100 يۈەنگە ئىككى توننا گۈرۈچ كېلەتتى. ياپونغا قارشى ئۇرۇشتىن كىيىن مىنگو ھۆكۈمىتى زور مىقداردا بىردەك ئوبوروت قىلىنىدىغان فابى (1935-يىلىدىن كېيىن گومىنداڭ تارقاتقان قەغەز پۇل) تارقاتقان. 1927-يىلى 100 يۈەنگە ئىككى كالا ئالغىلى بولاتتى، كىيىن پەقەت كۇمىلاچ پوم كۆمۈر ئالغىلى بولىدىغان بولۇپ قالغان.

      دۆلەت قۇرۇلغاندىن كىيىن تۇنجى يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەتكە ئومۇملاشتۇرۇلدى. شۇ ۋاقىتتا بىر ۋاراق يۈز يۈەنگە 400 كىلو گۈرۈچ كېلىدىغان بولۇپ، ئايلىق كىرىمى يىگىرمە نەچچە يۈەن بولغان ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمۇ خېلىلا يامان ئەمەس ئىدى.

      19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا بىر دانە يۇڭ ئەدىيال 50 يۈەن ئەتراپىدا  ،شۇ مەزگىلدىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئايلىق تۇرمۇش خىراجىتى 22 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى. دېمەك 100 يۈەن ئەينى ۋاقىتتا خىلى پۇل ئىدى. بىراق كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مال باھاسى بىلەن ئىش ھەققى تەڭلا ئۆرلەپ كەتتى. كىرىمىمىزنىڭ ئېشىشى بىلەن 100 يۈەن ھازىر ئانچە چوڭ پۇل بولماي قالدى.

     بۈگۈنكى كۈندە خەلق پۇلىنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارالاشتۇرۇش دەرىجىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا بىر دۆلەتنىڭ پۇلىنىڭ قوللىنىش قېتىمى ئاشقان چاغدا، خەلقئارادىكى سېتىۋېلىش كۈچى ۋە ئىناۋىتىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ بارىدۇ. ئۇنداقتا بىز يەنە نېمىشقا 100 يۈەنگە بۇرۇنقىدەك كۆپ نەرسە سېتىۋالغىلى بولمايدىغاندەك ھېس قىلىمىز؟ بۇ ئەمەلىيەتتە مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن كېلىپ چىققان پۇلنىڭ پاخاللىشىشى ۋە پېرېۋوت نىسبىتى ئۆرلەشتىن كىيىن كېلىپ چىققان مەسىلە.

     پېرېۋوت نىسبىتىدىن قارىغاندا، ئون يىل بۇرۇن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ خەلق پۇلىغا ئايرىۋاشلاش نىسبىتى 1:8 ئىدى، بۇ نىسبەت بويىچە 100 يۈەنگە ئامېرىكىدىن بىر پارچىمۇ كىتاب ئالغىلى بولمايتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا خەلق پۇلىنىڭ ئۆسۈشىگە قارىتا توختىماي بېسىم چۈشۈرگەنلىكتىن، ئوخشاش قىممەتتىكى خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارادا سېتىۋالالايدىغان تاۋارلىرىنىڭ سانى ئېشىۋاتىدۇ. بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، خەلقئارا سودا مەركىزىنىڭ راسچوت پۇلى ئاساسەن دېگۈدەك ئامېرىكا دوللىرى بولغانلىقتىن، دۆلەت ئىچىدىكى ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاۋارنى سېتىپ چىقارغاندىن كىيىن يەنىلا بۇرۇنقىغا ئوخشاش دوللارغا ئېرىشكەن بىلەن، بۇنى خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرغاندا ئەمەلىي كىرىم ئازلاپ كېتىدۇ.

     ئىمپورت سودىگىرى تاپىدىغان پۇل تېخىمۇ ئازىيىپ كەتتى دېگەن گەپ  ،بىر تەرەپتىن دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدىكى ئىستېمالغا ئىشلىتىلىدىغان پۇل ئازىيىپ كەتتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئېكسپورت كارخانىلىرىنىڭ جانلىقلىقى ئاجىزلاپ كەتتى دېگەن گەپ. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ پاراۋۇزىدا، ئېكسپورت ۋە ئىستېمال خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنىڭ ئۆسۈش تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.  ئاددىي قىلىپ ئېيتساق، پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى ۋە خەلق پۇلىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سېتىۋېلىش كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
06-05-2016
جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىنىڭ 5-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دوللار/ خەلق پۇلى ئوتتۇرچە باھاسى 6.5202 يۈەن بولۇپ، چوڭ دائىرىدە 74 ئاساسىي نۇقتا ئۆرلىدى؛ جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزى ئېلان قىلغ...
06-05-2016
    يېقىنقى مەزگىللەردە ئالتۇن باھاسى 1300 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا تەھلىلچىلەر بۇنداق دەپ قارىدى، پەقەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىل ئىچىدە ئالتۇننىڭ ي...
04-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋىستىرالىيىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان ئارگىل (Argyle) ئالماس كان رايونىدىن ئېغىرلىقى 9.17 كارات كېلىدىغان ناھايىتى كەم ئۇچرايدىغان بىنەپشە رەڭلىك ئالماس بايقالغان بولۇپ، بۇ ئالماسنى پا...
04-05-2016
    دۇنيادىكى داڭلىق توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ماشىنىسى ياساش كارخانىسى شىۋېيتسارىيە ‹‹رېيتېر›› گۇرۇھى شىنجاڭ ‹‹رېيتېر›› توقۇمىچىلىق ئەسۋاب – ئۈسكىنىلىرى چەكلىك شىركىتى 28 – ئاپرېل ئۈرۈمچى ئىقتىساد – تېخنىكا تەرەققىيات را...
04-05-2016
    نەچچە كۈندىن بۇيان ئالتۇن، كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەتتا 1298 دوللارغا چىقىپ، ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنىڭ يانچۇقىنى خېلىلا چىڭداپ قويغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن نەق ئالتۇننى...
04-05-2016
    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5- ئاينىڭ 2- كۈنى ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇرسىتى ئاسىيا رايونىدا، ئالدىنقى ھەپتە جۇڭگونىڭ ئاۋسترالىيە باشچىلىق...
04-05-2016
    دېھقان ئىشلەمچىلەر كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈزۈپ چىققان ئولتۇراق ئۆي لايىھەسى پىلانىغا قارا سايە تاشلىدى. دۆلەتلىك ستاتىستىكا ئىدارىسى 28- ئاپرېل ئېلان قىلغان «2015- يىللىق...
03-05-2016
    رۇسىيە «سودىگەرلەر گېزىتى» 4-ئاينىڭ 29-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە رۇسىيەنىڭ نېلسون ئىستېمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى تۆۋەنلەپ 63 نۇقتىغا چۈشكەن، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 2005-يىلى بارلىققا كەلگەندىن بۇيانقى ئە...
03-05-2016
    يېقىندا ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىقتىساد تاراتقۇسى فوربېس ئاسىيا رايونىدىكى 30 نەپەر 30 ياشتىن تۆۋەنلەر «Forbes 30 Under 30 Asia» تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ فوربېسنىڭ ئاسىيانى باھالاش دائىرىسى قىلغان تۇنجى نۇسخا ت...
03-05-2016
    «ياۋروپا ماشىنا خەۋىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېن گۇروھى دېزىل ماتورىدا ساختىلىق قىلغانلىقى ئاشكارىلانغانلىقتىن، 2015-يىلى 5.515 مىليارد ياۋرو زىيان تارتتى، شۇ سەۋەبتىن ئالىي باشقۇرغۇچىلارنىڭ مائاشىنى كېچىكتۈرۈپ ب...
Powered by Leglek