جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 22-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
ئەنگلىيە رېيتر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بېلگيە پايتەختى بېريۇسېلدىكى زاۋېنتېم (Zaventem) ئايروپورتىدا شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىككى قېتىم پارتلاش يۈز بەرگەن، نۆۋەتتە تەخمىنەن 10 ئادەم قازا قىلغان، باشقا يەنە 30 ئادەم يارىدار بولغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، رېيتر ئاگېنتلىقى بېلگىيە بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان يارىدارنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشچە، پارتلاشتا تەخمىنەن 10 ئادەم قازا قىلغان، 30 ئادەم يارىدار بولغان.
بۇنىڭدىن سىرت، بېلگىيە ساقچىلىرى ئايروپورت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ پارتلاتقۇچلارنى بايقىغان، يەنە ئايروپىلاننىڭ يۈگۈرۈش يولىدا بىر پارتلاتقۇچنى بايقىغان.
ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان سۇپىسىدا يۈز بەرگەن. ئايروپورت سىرتىدىن قارىغاندا، زالنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتكەن، بىنادىن قويۇق ئىس چىققان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى دېيىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەندە دەل نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، نەچچە يۈز يولۇچى ئايروپىلانغا چىقىش رەسىمىيىتى بېجىرىۋاتقان ئىكەن.
پارتلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېلگىيە ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىكى بېلگىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە تەڭشەلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئامېرىكا ئەمەلدارى بۇ ۋەقەدىن خەۋەردە تاپقاندىن كېيىن بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى پارتلاش پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ باش جىنايەتچىسى تۇتۇلغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئىكەن.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved