كارتېر: ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىدىن كېيىنمۇ ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننى جازالاپ كېلىۋاتىدۇ
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 30-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:
ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارتېر 29-ئىيۇل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن ئىران يادرو كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق رايونىدا يەنىلا ئىراننىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى چەكلەپ كېلىۋاتىدۇ. كارتېر شۇ كۈنى ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ناۋادا ئىران ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەت قوللانسا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئىلغار ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىيەتنى تېزدىن كونترول قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. كارتېر: ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىسرائىلىيەنى F-35تىپلىق كۆرۈنمەس ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلەپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ دەپ تەكىتلىدى.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىگە قوشنا دومبىۋالىدىكى مەلۇم خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئادەم قازا قىلىپ، 40 نەچچە ئادەم يارىلاندى.
...
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، پېرۇ ساقچىلىرى لالىبېرتاد ئۆلكىسى (La Libertad) سالپو بازىرىدىكى مەلۇم قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش كانىنى پارتلىتىۋەتتى. قانۇنسىز ئالتۇن قېزىش ھەرىكىتى سىماب بۇل...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved