مىسىرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نامايىش پارتلاپ، توقۇنۇشتا 11 كىشى قازا قىلدى

25-يانۋار، مىسىرنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇبارەك ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى ‹‹خاتىرىلەش كۈنى››. شۇ كۈنى، مىسىرنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا نامايىش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى ھەمدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 11 كىشى قازا قىلدى.


سابىق زۇڭتۇڭ مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى شۇ كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرە ۋە ئىسكەندەرىيە، فيوم قاتارلىق چوڭ ئۆلكىلەردىكى نامايىش پائالىيەتلىرىدە ساقچىلار بىلەن پۇقرالار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، بىر قىسىم نامايىشچىلار قولغا ئېلىندى.


مىسىردىكى ‹‹ئەلئېھرام گېزىتى›› تورىنىڭ مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توقۇنۇشتا ئاز دېگەندىمۇ 11 كىشى قازا قىلىپ، 30 كىشى يارىلانغان. مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 25-يانۋار مەملىكەت دائىرىسىدىكى توقۇنۇشتا جەمئىي ئاز دېگەندىمۇ 15 كىشى قازا قىلىپ، 35 كىشى يارىلانغان.


سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى مىسىردا 23-يانۋاردىن باشلاپ يەتتە كۈن تەزىيە كۈنى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، شۇ سەۋەبتىن، 25-يانۋار ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنغان. 25-يانۋار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن، مىسىر ھەربىي تەرەپ قاھىرە شەھەر مەركىزىدىكى ئازادلىق مەيدانى قاتارلىق مۇھىم يىغىلىش سورۇنلىرىنى پېچەتلىگەن ھەمدە مىسىرنىڭ بىر قانچە مۇھىم شەھەرلىرىگە ھەربىي كۈچلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان.

 


مىسىردا 25-يانۋار يەنە نۇرغۇن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قاھىرەنىڭ شەرقىدىكى خېلىيوپولىس رايونىدا ئىككى ساقچى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلانغان، قاھىرەنىڭ شىمالىدىكى رايوندىمۇ بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن.


بۈنىڭدىن باشقا، مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلاردا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۈچ ئايلىق جىددىي ھالەتنىڭ 25-يانۋار مۇددىتى توشىدىكەن. شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا كەسكىنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، مىسىر ئىچكى كابىنېتى مەزكۇر رايونلاردىكى جىددىي ھالەت ۋە كېچىدە يۈرۈشنى مەنئىي قىلىشنى يەنە ئۈچ ئاي ئۇزارتىشىنى قارار قىلغان.


2011-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى، مىسىرىدا كەڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش پارتلىغان، ئارقىدىنلا مۇبارەك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن. 2012-يىلى 5-ئاي ۋە 6-ئايدا، مىسىردا ئىككى نۆۋەت زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئىتتىپاقىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مۇرسى زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى مىسىر ھەربىي تەرەپ مۇرسىنى دۆلەتنىڭ كىرزىسىنى ھەل قىلالمىغان، دېگەن باھانە بىلەن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىغان.


مۇرسى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغاندىن بۇيان، مىسىرنىڭ دۆلەت ئىچىدە نامايىش پائالىيەتلىرىنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. مىسىر بىخەتەرلىك قىسمى بۇلتۇر 8-ئايدا مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارىتا ئىككى قېتىملىق تازىلاش ئېلىپ بارغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇرسىنىڭ قوللىغۇچىلىرى ھەر ھەپتىدە ئوخشىمىغان كۆلەمدە نامايىش قىلىپ تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىسىر چېگراسى ئىچىدىكى تەكشۈرۈش بېكەتلىرى، ساقچى ئىدارىلىرى قاتارلىق ھەربىي ئەسلىھەلەرگە قارىتىلغان تېرورلۇق ھۇجۇم قىلىش پائالىيەتلىرىمۇ كۈنسايىن كۆپەيگەن.



خەتكۈچلەر:
26-01-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek