سىگان ئەر-خوتۇن 38 فوندستېرلىڭ بىلەن ئەنگلىيەگە كېلىپ تىلەمچىلىك قىلىپ ھەپتىدە 800 فوندستېرلىڭ تاپتى

     لوندون ھايدى باغچىسى پوچتا ئىدارىسىنىڭ ئالدىدا بىر سىگان ئەر-خوتۇن 800 فوندستېرلىڭنى رۇمىنىيەگە ئەۋەتىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇردى.

      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ ئىگەللىشىچە، 29 ياشلىق پېرتۇ بىلەن 25 ياشلىق ئانكۇتا رۇمىنىيەدىن كەلگەن بولۇپ تۆت بالىسى بار ئىكەن. يېقىندا ئۇلار 38 فوندستېرلىڭ خەجلەپ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئەنگلىيەگە كەلگەن. ھەركۈنى لوندون ئوكسفورد كوچىسىدا تىلەمچىلىك قىلغان، بىر ھەپتىدىن كېيىن ئۇلار تاپقان 800 فوندستېرلىڭنى يۇرتىغا سالغان.

      پۇلنى سېلىۋەتكەندىن كېيىن پېتۇر دەرھال تىلەمچىلىكىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ بىر يېمەكلىك زالىدا تۇرغان بولۇپ ئانكۇتا چۈشلۈك يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن كەتكەن. كېلەر يىلى ئۇلارنىڭ بەشىنچى بالىسى تۇغۇلىدۇ.

  كىشىلەر يولدىن ئۆتكەندە پېترۇ قولىنى سوزدى، ئارىلاپ ئانچە تەبىئىي بولمىغان ھالدا يېنىدىكى ھاسىسىنى ئوينىتىپ ئۆزىنىڭ مېڭىشىنىڭ قولاي ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولغاندەك قىلاتتى. ئانكۇتا كەلگەندىن كېيىن ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى، ئىككەيلەن ھايدى باغچىسىغا بېرىپ چىملىقتا ئولتۇرۇپ تاماق يېدى.

پېترۇنىڭ دېيىشىچە ئۇلار 38 فوندسېترلىڭ خەجلەپ ئەنگلىيەگە كەلگەن، بالا بېقىشقا بەك جىق پۇل كېتىدىغان بولۇپ ئۇلارنىڭ تىلەمچىلىك قىلىشتىن باشقا پۇل تاپىدىغان ئامالى قالمىغان.

بىر مۇخبىر ئۇنىڭغا 10 فوندسېترلىڭ بەرگەن، ئانكۇتا پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ئانچە ئېرەڭشىمەي:«بۇ مېنىڭ پۇل سېلىشىمغىمۇ يەتمەيدۇ، يەنە بارمۇ؟» دېدى.

«مېنىڭ بالىلىرىمنىڭ يەيدىغان نەرسىسى قالمىدى، ئاپامنىڭ كۆزى كۆرمەيدۇ. رۇمىنىيەدە بىز قەتئىي خىزمەت تاپالمايمىز، بىزنىڭ ھېچ نەرسىمىز يوق» دېدى.

مۇخبىرنىڭ بىلدۈرىشىچە رۇمىنىيەدە ئايلىق مائاش 176 فوندسېترلىڭ ئىكەن، لوندوندا تىلەمچىلىك قىلسا بۇنىڭدىن خېلىلا جىق پۇل تاپقىلى بولىدىكەن. ئانكۇتا بۇنىڭغا قارىتا قىلچە تەمتىرىمەي:«بىزگىمۇ ئاسان ئەمەس، بىز كۈن بويى سىرتتا تۇرىمىز، ساقچىلار دائىم كېلىپ بىزنى قوغلايدۇ» دېدى.

ئۇلارنىڭ تۇرىدىغان يېرى يوق، كەچتە مۇنداقلا بىرەر يەرنى تېپىپ ئۇخلايدۇ، بەزىدە ئەتراپتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ. مەكتەپ سىگانلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدا ئۇخلىشىنى چەكلىگەن، يېرىم كېچىدە ئۇخلاۋاتقانلارغا سۇ پۈركۈپ ئۇلارنىڭ ئۇ يەردە ئۇخلىشىنى چەكلەيدۇ. مەكتەپ رۇمىنىيە تىلىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇلارنى مەكتەپ سىرتىدا ئۇخلاشتىن ئاگاھلاندۇرغان. لېكىن پېترۇ بىلەن ئانكۇتا بۇ ئۇقتۇرۇشنى چۈشەنمىگەن بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى مەكتەپ تەرەپمۇ رۇمىنىيە تىلىنى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئۇقتۇرۇشنى ماشىنا ئارقىلىق تەرجىمە قىلغان. بىر تەرجىماننىڭ بىلدۈرىشىچە مەكتەپنىڭ ئۇقتۇرۇشى مۈجىمەل ئىكەن لېكىن يەنە يازغاننىڭمۇ پايدىسى يوق ئىكەن، چۈنكى نۇرغۇن رۇمىنىيەلىكلەر خەت تونىمايدىكەن.



خەتكۈچلەر:
26-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek