ئامېرىكا تۇنجى ئېبولا ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق تەجرىبىدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى

ئامېرىكىدىكى ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاخىرقى بىمار ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى (ماتېرىيال سۈرەت)

 


جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى ، ۋاشىنگتون ، 26-نويابىر تېلېگراممىسى : 26-نويابىر ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات يۇرتى (NIH) تۇنجى ئېبولا ۋاكسىنىسىنىڭ كىلىنىكىلىق تەجرىبىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنى جاكارلىغان .


بۇ ئۇتۇق شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ بىر تېببىي ژۇرنىلىغا بېسىلغان . ماقالىدە دېيىلىشىچە ، NIH قارىمىقىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر تەتقىقات ئورنى بىلەن GSK شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچى خادىملىرى ئېبولا ۋىرۇسىدىن قىسمەن گېن ئېلىپ ، ئۇنى ئادەم ئورگانىزمى ھۈجەيرىسىگە كۆچۈرگەندىن كېيىن ، ئەڭ ئاخىرىدا بۇ ۋاكسىنىنى ياساپ چىققان .


ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ۋاكسىنا ئالدى بىلەن ھايۋانات تېنىدە سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ، تەتقىقات خادىملىرى سېنتەبىردىن باشلاپ مارىلاند ئىشتاتىدىكى NIH كىلىنىكا مەركىزىدە ئادەم تېنىگە سىناق قىلغان . تۇنجى تۈركۈمدە 18 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان 20 نەپەر پىدائىيغا بۇ ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىدا ئېبولا ۋىرۇسى ئانتىتېلاسى پەيدا بولغان . بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىر قىسىم پىدائىيلارنىڭ تېنىدە ئانتىۋىرۇس ئىممۇنلۇق ھۈجەيرىسى پەيدا بولغان ، بۇ يەنە ‹‹T-ھۈجەيرە ›› دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، بۇ خىل ھۈجەيرە ئادەم تېنىنىڭ ئېبولا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇيدىكەن . تەتقىقات نەتىجىسىدە يەنە بۇ ۋاكسىنىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەكس تەسىرى يوقلۇقى بايقالغان . پەقەت ئىككى پىدائىيغا ۋاكسىنا سۇيۇقلۇقى سەل كۆپ ماڭدۇرۇلغانلىقتىن قىسقا ۋاقىت قىزىغان .


ئىگىلىنىشىچە ، پىدائىيلارنىڭ تېنىدە ئانتىۋىرۇس ئىممۇنلۇق ھۈجەيرىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاكتىپ سىگنال ئىكەن . تەتقىقات خادىملىرى ئامېرىكا ۋە غەربىي ئافرىقىدا بۇ ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سىناق ئېلىپ بارىدىكەن .


گەرچە بۇ ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ ، لېكىن تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئادەم تېنى ئىمۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ كۆپ مىقداردىكى ۋاكسىنا بولغاندىلا ئاندىن يېتەرلىك ئانتىتېلا پەيدا قىلالايدىغانلىقى مەلۇم بولغان بولۇپ ، بۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇ ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .


ئامېرىكا ئاق ساراي 26-نويابىر بانايات ئېلان قىلىپ NIH كوللېكتىپىنىڭ ۋاكسىنا تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرگەن بۇ ‹‹ئابىدە›› خاراكتېرلىك نەتىجىسىنى تەبرىكلىگەن . باياناتتا يەنە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ 2-دېكابىر NIH نىڭ باش تەتقىقات يۇرتىغا بارىدىغانلىقى ئېيتىلغان .



خەتكۈچلەر:
28-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek