جاھان ئاگېنتلىقى 9-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسى: ئىراق ساقچى ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرى، باغدادنىڭ شىمالىدىكى بىر تۈرمىدە جىنايەتىچلەرنىڭ توپلىشىپ قېچىپ كېتىشى جەريانىدا 12 ساقچى ۋە 50 جىنايەتچى ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ساقچى تارماقلىرى، ئىراقنىڭ دىيالا ئۆلكىسىدىكى «خالىس» تۈرمىسىدىن تەخمىنەن 40 جىنايەتچىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، باغدادنىڭ شىمالىدىكى تۈرمىدە جىنايەتچىلەر توپلىشىپ قاچقان، شۇ جەرياندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 10 ساقچى ۋە ئاز دىگەندە 50 جىنايەتچى ئۆلگەن. بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، باغدادنىڭ 80 كىلومىتىر شىمالىدىكى «خالىس» تۈرمىسىدە «تېرورغا ئالاقىدار» جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىگە قامالغان 300 جىنايەتچى بار. دىيالا ئۆلكىسى بىخەتەرلىك كومىتىتى باشلىقى سەييىد سادىق ھۈسەينى، يۇقىرى دەرىجىلىك كاتتىۋاش جىنايەتچىلەرنىڭ تۈرمىدە بار-يوقلىقى ۋە قېچىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بىرەر مەلۇمات بەرمىدى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ساقچى ئەمەلدارى، ۋەقەنىڭ تۈرمىدىكى جىنايەتچىلەر ئارىىسدا جىدەل-ماجرا يۈز بېرىپ باشلانغانلقىنى، ساقچىلار جىنايەتچىلەرنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن كىرگەندە جىنايەتچىلەر پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ساقچىلارنىڭ قۇراللىرىنى تارتىۋېلىپ قېچىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرگەن جىنايەتچىلەر تۈرمىنىڭ قۇرال-ياراغ زاۋۇتىنىمۇ كونترول قىلىۋالغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved