ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى نەچچە ئەسىر تىنچ بولماي كەلدى، بۇ رايونىدىكى دىنى مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشى ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت بۇ رايونغا ئېغىر كىرىزىسلەرنى ئىلىپ كەلدى، ئۇنداقدا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى زادى قاچان مۇقىملىشىدۇ.
يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ داۋاملىق يامانلىشىشى، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بولغان دىققىتىنى يەنىمۇ قوزغىدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ يىللاردىن بۇيان، دۇنيانىڭ دىققىتى بۇ رايونىدىن ئايرىلمىدى.
ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىشى، ئوسمان ئىمپېرىيەسى مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن پارچىلىنىش كېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان سىياسىي ئەمەلىي گەۋدىلەر مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئىچىگە كېرىپ قالدى. توقۇنۇش، زوراۋانلىق، قانلىق توقۇنۇش، قالايمىقانچىلىق بۇ رايونىدىكى نورمال ئەھۋالغا ئايلىنىپ قالدى. مەنپەئەت تالاش تارتىشى، دىنى مەزھەپلەرنىڭ تالاش تارتىش، مىللىي زىددىيەت ھەمدە غەربنىڭ ئارىلىشىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ پارچىلىنىشىدىكى سەۋەبكە ئايلاندى.
كەلگۈسىدە، ئەرەب لاگېرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئەسلىگە كېلەمدۇ، پارسلار بىلەن يەھۇدىيلار يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ، سۈنئىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەر يارىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالامدۇ، بۇ رايونىدىكى چوڭ دۆلەت مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىسرائىلىيە، ئىران ۋە تۈركىيە بىر بىر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلالامدۇ يوق، سىرتقى دۆلەتلەر شەخسى مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىپ، تىنچلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ داۋالغۇش ۋەزىيىتىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كەلتۈرەلمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۆتكەن ئايدىن بۇيان، يەمەن ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇش يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى پايتەخت سانانى ئىگىلىگەندىن كىيىنكى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، جەنۇبقا ئىلگىرىلەپ ، زۇڭتۇڭ ھىدىنى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى، ھادى مەجبۇرى دۆلىتىدىن ئايرىلدى. ئارقىدىن سەئۇدى ئەرەبىستانى، كۇۋەيت ۋە قاتار قاتارلىق دۆلەتلەر قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتىغا كەسكىن بوران ناملىق ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، يەمەن ۋەزىيىتىگە رەسىمى ئارىلاشتى.
بۈگۈنكى كۈنلۈكتە، يەمەندىكى داۋالغۇش مەملىكەت ئىچىدىكى داۋالغۇش دائىرىسىدىن ھالقىپ، خەلقئارالىشىپ كەتتى.
سۇرىيەدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغانلىقىغا تۆت يىل بولدى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن ئۆكتىچى گۇرۇھلار بىر بىرنى داۋاملىق قىرغىن قىلماقتا، ئۇرۇشتا 210 مىڭ سۇرىيەلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى، 12 مىليون كىشى يۇرت ماكانىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بۇنىڭغا ئاتلانغانلىقتىن، سۇرىيە ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە خەتەرلىك ئەھۋالغا كېرىپ قالدى.
1-ئاپرېل، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ قوراللىق خادىملىرى سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشق ئەتراپىغا تېزدىن ئىلگىرلىدى. 4- ئاپرېل دەمەشق شەھەر رايونىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان بىر شەھەر بازارنى ئىگىلىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتى ئىراق ئارمىيەسىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، قارشىلىق بىلدۈرۈش كۈچى ئاجىز بولغان سۇرىيەگە يۆتكىلىشكە باشلىدى، ھەمدە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئامالسىز قالدى.
لىۋىيەنىڭ سابىق رەھبىرى كازافى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كىيىن، لىۋىيە پۈتۈن مەملىكەت ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ تۇرىدىغان مەركىزى ھۆكۈمەتنى قۇرالمىدى، ھەر قايسى قوراللىق گۇرۇھلار ئارقا ئارقىدىن پارچىلانغانلىقتىن دۆلەت پارچىلىنىش ھالىتىگە كېرىپ قالدى. نۆۋەتتە، لىۋىيە يەنىلا ئىككى پارلامېنت، ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ قارشىلىشىشدەك ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، لىۋىيە ئۇزاق مۇددەتلىك ئىچكى مالىمانچىلىق ئىچىگە كېرىپ قېلىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىقتىن يىراقلىشىپ كەتتى. دىنى كۈچلەر بىلەن دىندىن خالى كۈچلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلەشتى، كۈرەش تېخىمۇ كۈچەيدى، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىشىدىن ئۈمىد قالمىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى بىردەم ئىلگىرىلەپ ، بىر دەم توختاپ ، باشتىن ئاخىرى بۆسۈپ ئۆتۈشلەر بولمىدى. ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا ئەڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندىن كىيىن، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاپ قىيىنغا توختىدى.
پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشتىكى بىر ئاچقۇچلۇق ئامىل، نىتانىياخۇ رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىلىيە ئوڭ قاناتلار ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق مەيدان قوللانغانلىقىدىن بولدى. ئۆتكەن ئايدا ئىسرائىلىيە پارلامېنتى سايلىمىدىن ئىلگىرى، نىتانىياخۇ، پەلەستىننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شەرقىي ئېروسالىمدا يەھۇدىيلار تۇرالغۇ مەھەللىلىرىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە پەلەستىن تەرەپمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلەتمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ئۈنۈمى ئانچە كۆرۈنەرلىك بولمىدى.
بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتى تۇيۇقسىز باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، تېزدىن سۇرىيە بىلەن ئىراقنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىگىلىۋالدى، ھەمدە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزىگە باش ئەگدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يېقىندا ئىلىپ بېرىلغان تازىلاش ھەرىكىتىدە، ئىراق ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بىلەن شىئە مەزھىپىدىكى خەلق ئەسكەرلىرى بىر قانچە ھەپتە شىددەتلىك جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن تىكرىت شەھىرىنى قايتۇرۇۋالدى، بىراق غەربىي قىسىمدىكى ئەنبەر ئۆلكىسى بىلەن 2- چوڭ شەھەر موسۇلنى يەنىلا ئەسەبىي ئۇنسۇرلار كونترول قىلىپ تۇرماقتا.
ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ زەربە بېرىشىگە قارتا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئۆزگەرتىش ۋە تەڭشەشلەرنى ئىلىپ باردى. 1- دىن، تاكتىكىسىنى يەمەندىكى مەسچىتلەرگە قارتا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاشقا ئۆزگەرتتى.2- دىن، سۇرىيە بىلەن ئىراقتىن سىرت چەتئەللەردىكى تېررورچى تەشكىلاتلارنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ مەزكۇر رايونىدىكى تەسىر كۈچىنى كېڭەيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە بىر مۇھىم تېررورچى تەشكىلات بولغان بازا تەشكىلاتىمۇ جىم تۇرمىدى. گەرچە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتى پۈتكۈل يەر شارىدىكى تېررورچىلىقنىڭ باشلامچىسىغا ئايلانغان بولسىمۇ، بىراق يەمەن ۋەزىيىتىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىش بىلەن بازا تەشكىلاتى تېررورچىلىرى تەرەققىي قىلىپ زورىيىشقا باشلىدى.
ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى قالايمىقانچىلىقنى، بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىر ئىككى ئېغىز سۆز بىلەن چۈشەندۈرۈش قىيىنغا. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، رايون ئىچى ۋە سىرتىدا دىن، سىياسەت، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەر گىرەلىشىپ، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، مەسىلىلەرنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.
ئالدىن بىلەن غەربنىڭ ئارىلىشىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئۇرۇش ئۆتىنىڭ تىكىشىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بېرى. تارىختىن قارىغاندا، ئوسمان ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمرانلىقى گۇمران بولغان ۋاقىتتا، فىرانسىيە بىلەن ئەنگلىيە كۈچ دائىرىسىنى بولۇپ، مەنپەئەت ئىلىش، بايلىقنى كونترول قىلىش ئۈچۈن «سىكاس-پېك كېلىشىمى»نى ئىمزالاپ، دىن بىلەن ئىرقى ئامىلىنى ئويلاشماي، چېگرانى سۈنئىي ھالدا ئايرىپ، كېيىنكى ئۈزۈلمەس تالاش تارتىش، ئۈرۈش ۋە توقۇنۇشنىڭ ئۇرۇقىنى كۆمۈپ قويدى.
ئۇندىن كىيىن، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئىشلىرىغا كۆپلەپ ئارىلىشىپ، بۇ رايونىدىكى دىن ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسەت ئىلمى فاكۇلتېتنىڭ پىروفېسسورى نۇخەن شىخ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئامېرىكا 2003- يىلى ئىراققا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئاساسلىق سەۋەب بولدى. بۇ مەيدان ئۇرۇش ئىراقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دىنى زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، ھەمدە سىرتقا تەسىر كۆرسەتتى. ھەتتا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەرگە يامرىدى.
مىسىر ئوخرام سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ سىياسەت ئىلمى مۇتەخەسسىسى سەيىد، راۋىدى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا ۋە ياۋروپا قاتارلىقلار ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ قەستەن ئويۇن ئوينىماقتا. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى رائىس بۇندىن كۆپ يىل ئىلگىرى ئوچۇق قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىگە ئىجادى بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشتىن مەقسەت ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىش ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى زورايتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
2. نەچچە يۈز يىل داۋاملاشقان ئىسلام دىنىدىكى مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشى، ھەمدە ئەرەبلەر، يەھۇدىيلار ۋە پارسلار ئوتتۇرسىدىكى مىللىي زىددىيەتمۇ ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋەزىيىتىنىڭ قالايمىقانلىشىشدا مۇھىم رول ئويناپ كەلدى.
ئوتتۇرا شەرق رايونى ئىسلام دىنى بارلىققا كەلگەن جاي، شۇنداقلا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يادرولۇق ئورنى ۋە ئەرەبلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون . ئۇزاقتىن بۇيان، گەرچە ئۇلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ئوخشاش بولسىمۇ، بىراق دىنى ئىختىلاپ، ئىسلام دىنىنىڭ سۈنئىي مەزھىپى ۋە شىئە مەزھىپىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزھەپ ئىزچىل تۈردە كەسكىن ئىلىشىپ كەلگەنلىكتىن، ئاجىز بولغان شىئە مەزھىپىدىكى مۇسۇلمانلار تارىختا سۇنى مەزھىپىنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش، باستۇرۇشى ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقتىن، ئىزچىل تۈردە بۇ خىل باراۋەرسىز سىياسىي ھوقۇق تەقسىماتىنى ئۆزگەرتىش يولدا ئېتىراز بىلدۈرۈپ كەلدى. پۈتكۈل رايونىدىن قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەرگە ۋەكىللىك قىلغان سۈنئىي مەزھىپى لاگېرى ئىران ۋەكىللىكىدىكى شىئە مەزھىپىدىكى كۈچلەر بىلەن قارشىلىشىشى، دىنى مەزھەپلەرنىڭ توقۇنۇشىنى ئەكس ئەتتۈردى.
يېقىنقى مەزگىلدە، سەئۇدى ئەرەبىستانى پارس قولتۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ يەمەنگە قوراللىق ئارىلاشتى. بۇنىڭدىن سەۋەب ، شىئە مەزھىپىدىن بولغان قۇسەي قوراللىق تەشكىلاتى جەنۇبى قىسىمدىكى بۇ قوشنىسىنى كونترول قىلسا، ئۆزىنىڭ ئىران، ئىراق ، سۇرىيە ۋە لىۋاندىن ئىبارەت شىئە مەزھىپىدىن بولغان دۆلەتلەر بىلەن يەمەن شەكىللەندۈرگەن قاپقانغا چۈشۈپ قىلىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىدىن بولدى.
خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئىلىپ ئېيتساق، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا بېسىقماي كېلىۋاتقان بۇ ئۇرۇش ئوتىنى قانداق قىلىپ ئۆچۈرۈش، بۇ زېمىندا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان كىشىلەرنى تىنچلىقتىن بەھرىمەن قىلىش بىر كەسكىن سىناققا ئايلاندى.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىغا قاراتقان سىياسىتى، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىمسىز بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب بولدى. بىراق قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي ئىلىم پىروفېسسورى شى خ كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، ئىران بىلەن ئاساسلىق ئەرەب ئەللىرى، بولۇپمۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى بىلەن مىسىر ئۆز ئارا چۈشەنسىلە، ئەڭ ئاخىردا تىنچ يارىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
شىخ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئىككى تەرەپ بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق مۇرەسسەلىشىشى ۋە بىر بىرگە يول قويۇشى كېرەك . مىسىر ئوخرام سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى راۋىدمۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: سىياسىي نۇقتىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا، ئىران بىلەن ياخشى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئەرەب دۇنياسىغا پايدىلىق، شۇڭا ئەرەب ئەللىرى ئىلگىرىكى ئىران بىلەن دۈشمەنلىشىشتەك پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك .
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئامېرىكا بىلەن ئىران يادرو مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ قالسا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىدۇ، بىراق ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانى ئوتتۇرسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەت، ھەمدە ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى يېڭىدىن تەڭشىلىشى مەزگىلىگە كېرىدۇ. ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت ۋە مەزكۇر رايونىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، يېتەكلەشكە ماھىر بولمىسا، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئىككى چوڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيە بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشىلانمايدۇ.
شىخ ئەرەب ئەللىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ زىددىيىتىگە قارتا مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئەرەب ئەللىرى ئالدى بىلەن ئۆزىنى كۈچەيتىشى كېرەك ، بولمىسا، ئىسرائىلىيە بىلەن سۆزلىشىش ۋە ئالاقىلىشىشتا ئىزچىل تۈردە ناچار ئەھۋالغا يولۇقىدۇ، ئىسرائىلىيەمۇ ھېچقانداق ئەمەلىي خاراكتېرلىك مۇرەسسەلەشمەيدۇ.
راۋىدى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەگە ھەددىن زىيادە يان باسماقتا، شۇڭا، ئەرەب ئەللىرى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن تەڭپۇڭلۇق ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، رۇسىيە ۋە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئەللىرىگە بېقىنىشنى ئازايتقاندىلا، ئەرەب ئەللىرى ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved