25 ياشلىق قىز 79 ياشلىق قاتىل بىلەن توي قىلماقچى بولدى

بۇ يىل 79 ياشقا كىرگەن چارلىس. مانسون بولسا 1969-يىلى نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكا تارىخىدىكى‹سېسىق نامى پۇر كەتكەن زەنجىرسىمان ئادەم ئۆلتۈرگۈچى قاتىل› ۋە ‹دۇنيادا ياشاۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك ئادەم› دەپ باھالانغانىدى. گەرچە چارلىس. مانسون نۇرغۇن ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ۋەھشىي قاتىل بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يەنە نۇرغۇنلىغان چوقۇنغۇچىلىرى بار بولۇپ، ئۆتكەن يىلى چارلىس. مانسون ئۆزىگە چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان 25 ياشلىق ساھىپجامال قىز-ئافتۇن. بۇرتون بىلەن مۇھەببەتلىشىشكە باشلىغان. چىرايلىق قىز ئافتۇن. بۇرتون بىلەن قاتىل چارلىس. مانسوننىڭ تۈرمىدە توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ئەر-خوتۇن بولماقچى بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتكۈل ئامېرىكىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.


بۇ يىل ئەمدىلا 25 ياشقا كىرگەن قىز- ئافتۇن. بۇرتوننىڭ ھازىرمۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقان ۋەھشىي قاتىل چارلىس. مانسون بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، بۇ قىزنىڭ نامى بىراقلا چىقىپ كەتكەن. ئافتۇن. بۇرتون 18 ياش ۋاقتىدىلا كالىفورنىيە تۈرمىسىدە سولاقتا ياتقان قاتىل-چارلىس. مانسونغا سالام خەت يازغان بولۇپ، ئۇ كېيىن يەنە كالىفورنىيە تۈرمىسىنىڭ ئەتراپىغا كۆچۈپ بارغان. يېقىندا، ئافتۇن. بۇرتوننىڭ دادىسى‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ قىزى ئافتۇننىڭ داڭلىق ۋەھشى قاتىل چارلىس. مانسون بىلەن زىچ ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن قاتتىق ھەيران قالغانلىقىنى، قىزىنىڭ ھەتتا چارلىس. مانسون ئىسىملىك بۇ سېسىق نامى پۇر كەتكەن رەزىل قاتىل بىلەن توي قىلماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغىنىدا بولسا خۇددى ‹يامان چۈش› كۆرۈپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولغانلىقىنى ئېيتقان. گەرچە ئافتۇن. بۇرتوننىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆزلىرىنىڭ قىزى بىلەن چارلىس.مانسوننىڭ تۈرمىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان توي مۇراسىمىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا بۇ قىزىدىن مەڭگۈ ۋاز كېچىپ كېتەلمەيدۇ ئەلۋەتتە.


خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چارلىس.مانسون ئىسىملىك بۇ قاتىل 1934-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ئۆسمۈر ۋاقتىدىلا نۇرغۇن جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان. 1951-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا، چارلىس.مانسون نەچچە قېتىم تۈرمىدە يېتىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى خاتىرىسىدە ئوغرىلىق،ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىرىش قاتارلىق جىنايەتلەر خاتىرىلەنگەن. 1969-يىلى، چارلىس.مانسون بىر قاتار ۋەھشى قاتىللىق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنى ئۆلتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھەتتا ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئايال كىنو چولپىنىمۇ بار ئىدى. چارلىس.مانسون ساقچى تەرەپنىڭ قولىغا چۈشكەندىن كېيىن، 1971-يىلى ئېچىلغان سوتتا باشقا ئۈچ نەپەر ھەمراھى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

 

1972-يىلى 6-ئايدا، ئامېرىكا ئالىي سوتى ئامېرىكىدا ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن چارلىس.مانسون ۋە ئۇنىڭ باشقا ئۈچ نەپەر ھەمراھىغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەنىدى.



خەتكۈچلەر:
16-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
26-05-2016
    ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، برازىلىيەنىڭ پىلان مىنىستىرلىقىغا يېڭىدىن تەيىنلگەنگەن رومېرو جوكاس ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ 10 كۈندىن كېيىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ سەۋەبى جوكاس زۇڭتۇڭ روس...
26-05-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تايلاندتىكى يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ يەرلىك ساقچىلارنىڭ ئۇچۇرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، تايلاندىكى ...
26-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئايروپىلان «قۇياش نۇرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى 2-نومۇر» ئامېرىكىنىڭ ئوخايو شىتاتىدىن پېنسىلۋانىيە شىتاتىغا قاراپ ئۇچقان بولۇپ، ئۇچقۇچى پىككارد بېرتىر...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرىتسىيە «كۈندىلىك گېزىت» (Kathimerini) تە...
26-05-2016
    بۇ 2016- يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر چاي ئىچۈرۈش سۈرەتلىرى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلغان نادىر سۈرەتلەر بولۇپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بىر-بىرىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى سۈرەتلەر ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇلغان.
26-05-2016
    پايدىلىنىش خەۋەرلىرى تورى 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: تەيۋەن تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مالايسىيادىكى 15 ياشلىق ئۆسمۈر سالىرنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ قورسىقى ئالاھىدە چوڭ بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدىكىلەر غەيرىلىك ھې...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 26- ماي سەھەردە بومباي شەھىرىدىكى بىر خىمىيە-سانائەت زاۋۇتىدا كۈچلۈك پارتلاش يۈز بەرگەن. ي...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىلىق بىر ئايال ئېغىر جىنايەت سادىر قىلغانلىقى سەۋەبىدىن تۈرمىگە...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋېيتنامدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئال...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە فىدىراتىپ بىخەتەرلىك يىغىنىنىڭ باش كاتىپى نىكولاي پاترۇشېۋ (Nik...
Powered by Leglek