رىياد ياسىن: ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزىشىمىز مۇمكىن

جاھان ئاگېنتلىقى 14-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ياسىن، ئىراننىڭ يەمەنگە پاراخوت ئەۋەتىشىنى يەمەننىڭ مۇقىملىقىنى خالىمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراپ، تېھران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ياسىن، ئىران پاراخوتلىرىنىڭ يەمەن دېڭىز تەۋەلىكىگە يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخستىنى ئالماستىن كىرگەنلىكى ئۈچۈن پاراخوتقا قارىتا بەزى تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ياسىن، ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى تامامەن ئۈزۈش ھەققىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ياسىن، ھەر قانداق بىر تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان ياكى ھۇقۇققا رىئايە قىلىنمىغان ئەھۋالدا پۈتۈن ھۇقۇقنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ئارمىيەگە بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا، ئىراننىڭ يەمەنگە ئەۋەتكەن پاراخوتلىرىنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە رۇخسەت قىلىنماسلىقى مەسىلە پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئەسكەرتىپ، ھەر قانداق ئەھۋال كېلىپ چىقسا ئىراننىڭ مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ب د ت يەمەن ئالاھىدە ۋەكىلى، يەمەن ھۆكۈمىتى ۋە ئەرەب بىرلەشمە ئىتتىپاقىنىڭ ياردەم پاراخوتلىرىنىڭ يەمەنگە كىرىشىگە قارشى تۇرمايدىغانلىقىنى ، ئەمما يەمەن ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەت ئېلىنىشى ۋە تەكشۈرۈلۈشى كىرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىران تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئىنساني ياردەم پاراخوتى ئىراندىن دۈشەنبە كۈنى يولغا چىققان بولۇپ، پاراخوتنىڭ يەمەننىڭ ھۇدايدا پورتىغا يىتىپ بېرىشى بەلگىلەنگەن ئىكەن، پاراخوتتا 2 مىڭ 200 توننا يىمەكلىك ۋە تىببى ئەشيالار بارلىقى، پاراخوتتا يەنە 60 نەپەر قىزىل ئاي جەمئىيتى خادىمى ۋە تەخمىنەن 20 مۇخبىر بار ئىكەن.



14-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-05-2016
     رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ بىر ساقچى ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 1-ماي ئىراقنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ساماۋا شەھىرىدە ئىككى قېتىم تېرورلۇق پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈزبېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 38 گ...
02-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيە تاراتقۇسى بولغان «دەۋر گېزىتى» ۋە دۇنيا ئاخبارات ئاگېنتلىقى (Cihan) دىكى 400 مۇخبىر «خىزمەتتە خاتالىق سادىر قىلىش»، «شىركەت ئوبرازىغا تەس...
02-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى، مالايسىيا كۇئالالۇمپۇر، مالايسىيا خەلقى 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا يىغىلىپ ئىشچىلارنىڭ ئاساسىي مائاشىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە مالايسىيا باش مىنىستىرى نەجىبنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. ...
02-05-2016
يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يەمەن مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شېيىخ ئەخمەدكە قۇسەي قوراللىقلىرى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقتىن، يەمەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ كۇۋەيت تىنچل...
02-05-2016
    ئىران پرېزىدېنتى روھانىينىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كورىيە پرېزىدېنتى پاك گيۇنھى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا يېتىپ بېرىپ ئىراندىكى ئۈچ كۈنلۈك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى. بۇ 1962-يىلى ئىككى دۆلەت دىپ...
02-05-2016
    ياپونىيە مېدىيەلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 30-ئاپرېل بېيجىڭ دىياۋيۈتەيدە زىيارەتكە كەلگەن ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا سۆھبەتلەشكەن، فۇمىئو كىشى...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك سىياسى سوئال-جاۋابلىق ئەلرايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى ئىندىياننا شىتاتىدا 3- ئاپرېل مۇھىم نامى ئاتى...
02-05-2016
    «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندوڭ 29- ئاپرېل ئىرۇسالىمدا «جۇڭگو-ئىسرائىلىيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق بىرلەشمە ھەيئىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنى»غا رىياسەتچىلىك قىلغان ب...
02-05-2016
    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئالاباما شىتاتى كوتلاندىكى بىر قاقاس بازارغا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيادىن كەلگەن ئىمپورت ماللار كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، بۇ بازاردىكى زاۋۇتلارنىڭ سودىسى ئېغىر زەربىگە ...
02-05-2016
    ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ۋە 1-خانىم مىچېل 1-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ چوڭ قىزى مارىيە (Malia Obama) نىڭ 2017- يىلى كۈزدە خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇشقا كىرىد...
Powered by Leglek