تۈركىيە ئەركىنلىك گېزىتى خەۋەر تورىنىڭ 12-ئاينىڭ 14-كۈندىكى خەۋرىگە ئاساسلانغاندا ، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىر ئىسمەت ئېرمازنىڭ بىلدۈرىشىچە ، تۈركىيە ئاللىقاچان ئۆز دۆلىتى تەتىقىق قىلىپ كۆرەشچى ئايروپلان ياساشتىن ئىبارەت بۇ يۈرەكلىك نىشاننى بىكتىپ بولغان بۇلۇپ ، تۈركىيەنىڭ قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا پۈتۈنلەي ئۆزىگە تاينىشنى ئەمەلگە ئاشۇردىكەن.
تۈركىيە نۆۋەتتە ئۆزى ھەربىي پاراخوت ۋە پۈتۈن قۇرۇقلۇق ماشىنلىرنى (تانكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدۇ) ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇپ يەنە تىك ئۇچار ئايروپلان بىلەن تىئېرنىر ئايروپلانىنىمۇ ئىشلەپ چىقرالايدىكەن. كىيىنكى پىلانى بولسا كۆرەشچى ئايروپلاننىمۇ ياساپ چىقىش ئىكەن.
ئېرمازنىڭ دىيشىچە ، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولسا قۇرۇقلۇق ، دېڭىز ۋە ھاۋادىكى ھەربىي ئەسلىھەلىرنى ئۆزى ئىشلەپ چىقرىش بۇلۇپ، بىر تىپتىكى ئۆز دۆلىتى ياسىغان كۆرەشچى ئايروپلان بۇ نىشاننى تېخىمۇ مۇكەممەلىككە ئىگە قىلدۇ. بۇ نىشانغا يەتكەندىن كىيىن تۈركىيەنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تاينىشىدا زور ئۈمۈد بار بۇلۇپ تېخىمۇ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنالايدىكەن. ھەم بۇمۇ تۈركىيە ھۆكىمىتنىڭ توختىماستىن دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە مەبلەغ سېلىشنى زورايتىشنىڭ سەۋەبى ئىكەن.
تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ھەربىي تەرەپنىڭ ٪55 ھەربىي ئەسلىھە تەلپىنى ھەل قىلالايدىكەن. ئېرمىزنىڭ بىلدۈرىشچە ، ھۆكۈمەتنىڭ نىشانى بولسا 2023-يىلدىن بۇرۇن پۈتۈن ھەربىي ئەسلىھەنى ئۆز دۆلىتى ئىچىدىن تەمىنلەشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن. بۇ يىل يىل بېشىدا تۈركىيە GE ، لولو بىلەن پۇخۇي شىركىتىگە ئۇچۇر تەمىنلەش تەلەپنامىسى سۇنغان بۇلۇپ ئۇلارنىڭ تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدىكى كۆرەشچى ئايروپلانىغا ماتور تەمىنلىشنى قارشى ئالدىغانلىقنى بىلدۈرگەن.
ئۆتكەن نەچچە يىلدا ، تۈركىيە ئۈزلۈكسىز ئۆزى لايھەلەپ ، تەتقىق قىلىپ كۆرەشچى ئايروپلان ياسايدىغانلىقنى جاكارلاپ كەلگەن ئىدى ھەمدە كۆپ قېتىم ياسىماقچى بولغان تۇنجى كۆرەشچى ئايروپلانىنىڭ تىپنىڭ TF_Xئىكەنلىكنى بىلدۈرگەن. بىراق بىر قىسىم ئانالىزچىلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى كەسىپ ئەھلىلىرى بۇ پىلاننىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە گۇمانىي پوزىتسىيەدە بۇلۇپ كەلمەكتە .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved