شى جىنپىڭ دۇنيا كۇڭزى ئىنىستوتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى ھەم تۇنجى دۇنيا «كۇڭزى ئىنىستوتى كۈنى» ئۈچۈن تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.لى كېچىياڭمۇ تەبرىكلىدى.
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 9-ئاينىڭ 27-كۈنى تېلېگراممىىسى(مۇخبىر خو شىياۋگۇاڭ ، لىيۇ يىجەن) لەگلەك تورى تەرجىمىسى. دۇنيا كۇڭزى ئىنىستوتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10يىللىقى ھەم تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا «كۇڭزى ئىنىستۇتى كۈنى» كېلىش ئالدىدا دۆلەت رەئىسى شى جنىپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ دۇنيا كۇڭزى ئىنىستۇتىدىكى پۈتۈن ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەم.ئۇلاردىن ئەھۋال سورىدى. گوۋۇيۇەن زۇڭلىسى لى كېچىياڭمۇ خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى.
گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لىيۇ يەندوڭ 27-كۈنى «دۇنيا كۇڭزى ئىنىستۇتى كۈنى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا شى جىنپىڭ،لى كېچىياڭ قاتارلىقلارنىڭ تەبرىك خېتىنى ئۇقۇدى.
ھازىر پۈتۈن يەر شارىدىكى123 دۆلەت ۋە رايۇندا 465 كۇڭزى ئىنىستۇتى ۋە 713 ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ كۇڭزى دەرسخانىسى بار.2013-يىلى12- ئايدا،پۈتۈن يەر شارىدىكى كۇڭزى ئىنىستۇتىنىڭ چوڭ يېغىنىدا ۋەكىللەرنىڭ بىردەك ماقۇللۇقىدىن ئۆتۈپ ،بۇ يىل 9-ئاينىڭ 27-كۈنىدە تۇنجى قېتىملىق دۇنيا كۇڭزى ئىنىستۇتى كۈنىنى ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. يۈز نەچچە دۆلەت ۋە 400 نەچچە ئالىي مەكتەپ مەكتەپ مۇدىرلىرى تەبرىك خېتىئەۋەتىپ كۇڭزى ئىنىستۇتىغا بولغان قوللىشى ۋە تەبرىكىنى ئىپادىلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved