ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ رۇسىيە مۇخبىرلىرىنى تۇتۇۋېلىش ۋەقەسى

بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئىككى كۈندىن بۇيان ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئارمىيىسى نۇرغۇن رۇسىيە مۇخبىرلىرىنى تۇتۇۋالدى .22-ماي بۈگۈنكى روسىيە تېلېۋزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەنگىلىيلىك تەكلىپلىك خەۋەرچىسى گىراخان فېلىپىز 36سائەت تۇرۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قۇيۇپ بېرىلدى .قايتا ئەركىنلىككە ئېرىشكەن فېلىپز ئۆزىنىڭ سىرتقى دۇنيادىن ئايرىلىپ قالغان 36 سائەتنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى .


20-ماي ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى مارىئوپول شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا سۈرەتكە ئېلىۋاتقان گىراخان فىلىپىزنى ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك قىسمى توسقان ،ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەندىن بۇيان گىراخان شۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىق ھەققىدىكى نۇرغۇن كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئېلىپ كىرىشتۈرۈپ بەرگەن .پەقەت بۇ قېتىم ئۇكرائىنا خەۋپسىزلىك قىسمىنىڭ تىنتىش ۋە سۈرۈشتۈرۈشى كۈتۈلمىگەندە ناھايىتى ئىنچىكە بۇلۇپ قالغان .

گىراخاننىڭ دېيىشىچە ئۇلار ئوقتىن مۇداپىئەلىنىش جىلىتكىسىنى بايقاپ قالغان ،ئەمەلىيەتتە بۇنى شۇ يەردىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كۈتۈلمىگەن توقۇنۇشنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭغا سەپلەپ بەرگەن ئىكەن ،ئۇ چاغدا ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر بۇلۇپ ،ساقچىلار ئۇنىڭدىن كىملىكىنى سورىغان ،گىراخان ئۇلارغا مەن بۈگۈنكى روسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى دېگەن ،بىراق بۇ جاۋاپ ئۇلارنى چۆچىتۈۋەتتى . ئۇلار ئۇنىڭغا ئاپتوموبىلنى چەتكە توختىتىشقا بۇيرىغان . ئاندىن تەكشۈرۈش پونكىتىغا ئېلىپ كىرگەن .


گىراخان شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ تۇتۇپ تۇرۇلدى ، تۇتۇپ تۇرۇلغان مەزگىلدە ئۇكرائىنا تەرەپ ئۇنىڭدىن جاسۇس ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدى ،گىراخاننىڭ تەسۋىرلەپ بېرىشىچە ،ئۇ ھاجەتكە قوراللىق مۇھاپىزەتچىنىڭ ھەمراھلىقىدا بارغان ،شۇ كۈنى كەچتە گىراخان WTغا يۆتكەلگەن .بۇ ھەربىي لاگېر ھەربىي بازا بۇلۇپ ،ئۇنى ئەسكەرلەر ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرغان .قاراۋۇل ئۇنىڭغا بېشنى كۆتۈرمەسلىكنى ئۇخلىماسلىقنى ئېيتقان .ئۇلار يەنە ئۇنىڭغا قېچىشقا ئورۇندىغان ھەرقانداق تەلۋىلەرچە ھەرقانداق ھەرىكەت كۆرۈلسە ئۆزلىرىنىڭ ھەرقانداق تەدبىرنى قوللىنىپ ئۇنى شۇ يەردە تۇتۇپ تۇرسىلا بولىدىغانلىقى ھەققىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق قىلىپ ئېيتقان .

كېيىن گىراخاننىڭ قولىنى ئارقىسىغا قىلىپ كويزا سېلىپ قويۇپ ،بېشىغا قارا خالتا كىيگۈزۈپ كىيېۋ شەھەر مەركىزىگە ئېلىپ بارغان ،كىيېۋ شەھەر مەركىزىدە ئەنگىلىيىنىڭ ئوكرائىنادىكى ئەلچىخانا ئەمەلدارلىرى ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەتلەشتى . نەتىجىدە ئۇكرائىنا 21-ماي كۈنى كەچتە گىراخاننى قۇيۇپ بېرىشكە قوشۇلغان .قۇيۇپ بېرىلگەندىن كېيىن گىراخان دەرھال twtterدا خەۋەر بېرىپ : ‹ مەن بايا قۇيۇپ بېرىلدىم ،20-ماي مارىئوپولدا ئۇكرائىنا دائىرلىرىنىڭ بېسىم ئىشلىتىشى بىلەن مېنى زاپورىغا يۆتكىدى ،مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ قاراۋۇللىقىدا بىر كېچىنى ئۆتكۈزدۈم ،1-ماي مۇھاپىزەتچىلەر يەنە مېنى يۆتكىدى ،ئۇلار مېنىڭدىن يەنە بۈگۈنكى رۇسىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا نېمە خىزمەت قىلىدىغانلىقىمنى تەپسىلىي سورىدى ،ھەممىسى تەرتىپلەرگە ماس كېلىدۇ ، مېنى ئەيبلەشنى ئېيتمىدى ،ئۇكرائىنادىنمۇ قوغلاپ چىقارمىدى ،شۇنداقلا ماڭا زوراۋانلىق قىلمىدى ›دېدى .

گىراخان بىخەتەر قۇيۇپ بېرىلدى ،لېكىن رۇسىيە تۇرمۇش قانىلىنىڭ ئىككى مۇخبىرى يەنىلا ئوكرائىنادا تۇتۇپ تۇرلىۋاتىدۇ .

 


لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
25-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek