خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو نېفىت-تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى 27-ئاپرېل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھازىرغا قەدەر شىركەتنىڭ پېيىنى كونترول قىلغان جۇڭگو نېفىت-تەبئىي گاز گوروھى شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت پاي شىركىتى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىككى شىركەتنى قايتا تەشكىللەش ھەققىدىكى ھېچقانداق يازما ياكى ئاغزاكى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالمىدى، دېدى.
يېقىندا بەزى تاراتقۇلار جۇڭگو نېفىت-تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو نېفىت خېمىيە شىركىتىنى قايتا تەشكىللەش ھەققىدىكى قىياسىنى ئېلان قىلغان. جۇڭگو نېفىت-تەبئىي گاز پاي چەكلىك شىركىتى بۇ مىش-مىش گەپكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭغا قارىتا ئېنىقلاش ئېلىپ بارغانلىقىنى، شىركەتنىڭ ھازىرچە ئاشكارىلاشقا تىگىشلىك ياكى ئاشكارىلىمىغان ئۇچۇرلىرىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved