چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر ئايال ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىلىرىغا چوڭ مېڭىنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن دەرسخانىدىلا چېچىنى چۈشۈرۈپ، بېشىغا چوڭ مېڭىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىققان.
بۇ ئايال مۇئەللىمنىڭ ئىسمى نەنسى كانۋىشېر بولۇپ، نېرۋا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. ئۇ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ دەرسنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرۈشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن قايچا بىلەن چېچىنى كەسكەن، ئاندىن بىر ماگىستىر ئاسپىرانتنىڭ ياردىمىدە چېچىنى چۈشۈرگەن، ئاخىر تاقىر بېشىغا چوڭ مېڭىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ چىققان. ئۇ: ئىلىم-پەن بىر مەيدان تەۋەككۈلچىلىك، دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved