جاھان ئاگېنتلىقى 9-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىرنىڭ سابىق ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەك ۋە ئىككى ئوغلى يولسۇزلۇق جىنايىتى سەۋەبلىك سوتلانغان داۋادا 3 يىللىق ئېغىرلىتىلغان قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. قاھىرە سوت مەھكىمىسى، مۇبارەكنىڭ مىسىرنىڭ پرېزىدېنتى بولغان مەزگىلدە «پرېزىدېنتلىق سارىيى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان 16 مىليون دوللارلىق خامچوتنى قەرزگە ئايلاندۇرغانلىقى» ھەققىدىكى داۋا ھەقلىق دەپ قۇبۇل قىلدى. مۇبارەك تۈرمە جازاسى بىلەن بىرلىكتە 16 مىليون دوللار ئىقتىسادى جازاغا مەھكۇم قىلىندى. مۇبارەك مەھكىمىنىڭ بۇ قارارىنى ئاقلاش ئورنىغا ئىلتىماس قىلالايدۇ.
قاھىرە جىيزە سوت مەھكىمىسى، 2014-يىلى 21-مايدا «پرېزىدېنتلىق سارىيىغا ئاجرىتىلغان خامچوتتىن 16 مىليون دوللارنى قەرزگە ئايلاندۇرۇپ، ساختىلىق ۋە ئۇمۇمى مۈلۈككە قەستەن زىيان يەتكۈزگەن » دىگەن داۋا بىلەن مۇبارەككە 3 يىللىق، ۋە ئوغلى ئالا ۋە جامالغا ئېغىرلىتىپ 4 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغان ئىدى. 2014-يىلى 29-نويابىر مۇبارەك ۋە ئىككى ئوغلى يېڭىدىن سوتلانغان ئۈچ تۈرلۈك داۋادىن ھېچقانداق بىر جازالانماستىن قۇتۇلغان ئىدى. بۇنداق بولغاندا «پرېزىدېنتلىق سارىيى » داۋاسى مۇبارەك سوتلىنىپ جازاغا ئۇچرىغان تۇنجى داۋا ھىسابلىنىدۇ. 22-يانۋاردىكى سوتتا ئالا ۋە جامال ۋە مۇبارەكنىڭ سوتقا تۇتۇپ تۇرۇلماستىن قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مىسىر سوتى دائىرىلىرى، مۇبارەكنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن قويۇپ بېرىلگەن ئوغۇللىرىنىڭ بۈگۈن قايتىدىن تۈرمە جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى بىلەن تۈرمىگە قايتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئەمەلدار، باش تەپتىشنىڭ جىنايەتچىلەرنىڭ سوتقا تارتىلىش جەريانىدا تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋاقتىنى 3 يىللىق قاماق ۋاقتىغا ئۇدۇل كەلتۈرىدىغانلىقىنى ۋە كىرەكلىك ۋاقىت توشقانلىقى ئېنىقلانسا قايتىدىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇبارەك يەنە 16 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادى جازانىمۇ تۆلىشى كىرەك. مۇبارەكنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۇكاتلىرى، مۇبارەكنىڭ تۈرمىدە 3 يىل تۇرۇش مۇددىتىنىڭ ئاللىبۇرۇن توشقانلىقىنى ۋە تۈرمىگە قايتىدىن كىرىشىنىڭ ۋاقىتلىق بىر رەسمىيەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved