قولىڭىزدا 50 مىڭ يۈەن بولسا قانداق مەبلەغ سالىسىز؟

       قولىڭىزدا 50 مىڭ يۈەن بولسا قانداق مەبلەغ سالىسىز؟ بۇ تورداشلار دائىم سورايدىغان مەسىلە. قارىماققا بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش ئاساندەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمما ئىنچىكە ئويلاپ باقساق، بۇنىڭغا جاۋاب بېرىش خېلى قىيىن.

بىرىنچى مەخپىي چارە: مەسىلىنى يولى بىلەن ھەل قىلىش

مالىيە باشقۇرۇش، مەبلەغ سېلىشتىكى مەسىلىلەر ئاددىي ئەمەس، ئۇنىڭدا ھامان ئاجايىپ سىرلار يۇشۇرۇنغان!

يۇقىرىقىدەك ئانالىز ئارقىلىق، تورداشلار ئەۋەتلەن «ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ قولىدا 50 مىڭ يۈەن بولسا قانداق مەبلەغ سېلىش كېرەك؟» دېگەن مەسىلە «بىر ئادەمدە ئازراق پۇل بولسا، تەننەرخنى ساقلاپ قالغان ئاساستا مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگەنگىلى ۋە مەبلەغ سالغىلى بولىدۇ؟» دېگەن مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

ئىككىنچى مەخپىي چارە: بىر- بىرلەپ تارمار قىلىش

ئەگەر سىز سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىپ باققان بولسىڭىز، مەشقاۋۇل سىزگە سۇغا چۈشتىن ئىلگىرى سۇ ئۈزۈشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكنى، ئاۋۋال نەپەسنى كونترول قىلىش، لەيلەشنى ئۆگىنىش، ئاندىن ئاستا- ئاستا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان بولۇشى مۇمكىن! مەبلەغ سېلىش، مالىيە باشقۇرۇشمۇ مۇشۇ قائىدىگە ئوخشايدۇ، ئالدى بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئۆگىنىشتۇر، ئۆگىنىش ئارقىلىق مالىيە باشقۇرۇش، پۇل تېپىشقا پۇختا نەزەرىيەسى ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

مەيلى سىز قايسى تۈردىكى ئادەم بولۇڭ، دەرھال مالىيە باشقۇرۇشنى ئۆگىنىڭ، ئاستا- ئاستا ئۆگىنىپ، ئاستا- ئاستا سىناپ بېقىڭ. 20 نەچچە ياشلىق ئادەمنىڭ قولىدا ئانچە كۆپ پۇل بولمايدۇ، ئەمما بۇ چاغدا بىزنىڭ ئەڭ قىممەت بايلىقىمىز ـــ ۋاقتىمىز بار. چۈنكى ۋاقىت يېتەرلىك بولغاچقا، گەرچە پۇلىڭىز ئاز بولسىمۇ، كەلگۈسىدە نۇرغۇن بايلىققا ئايلاندۇرالىشىڭىز مۇمكىن؛ ھازىر پۇلىڭىز ئاز بولغاچقا، گەرچە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىڭىزمۇ، ئەمما تېزلا ئورنىڭىزدىن تۇرالايسىز، ئىشلاردىن ساۋاق ئېلىپ، قايتىدىن قەددىڭىزنى رۇسلىيالايسىز.

ئۆگىنىش جەريانىدا، ياخشى مالىيە پىلانلاشم باشقۇرۇش ئۇستىسى كۆپچىلىككە مۇنداق تەكلىپ بېرىدۇ: مالىيە باشقۇرۇش ماھارىتى، مالىيە باشقۇرۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئۆگەنگەندىن سىرت، يەنە «خەۋپ- خەتەر» گىمۇ ئىنتايىن دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن، مەبلەغ سېلىش بېرىكمىسى قۇرۇپ، ئومۇمىي خەۋپ- خەتەرنى ئازايتقىلى بولىدۇ. چۈنكى سىز مەبلەغ سېلىش جەريانىدا، ھەر قانچە كۆپ پۇل تاپقان بىلەن، خەۋپ- خەتەرنى ياخشى كونترول قىلالمىسىڭىز، ئاقىۋەتتە سىۋەتكە سۇ ئالغاندەك ئىش بولىدۇ.

تۆۋەندە بىر قانچە خىل ئىشەنچلىك مەبلەغ سېلىش شەكلىنى كۆپچىلىككە سۇنىمىز:

1. زايوم

تۇخۇمنى بىر سىۋەتكە سالسا بولمايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەگەر ھەر بىر سىۋەتتە خەۋپ- خەتەر بولسا، تۇخۇمنى ھەر قانچە تارقاقلاشتۇرۇپ سالغان بىلەنمۇ پايدىسى يوق. زايوم خۇددى ئىنتايىن بىخەتەر سىۋەتكە ئوخشايدىغان بولۇپ، مەبلەغ سېلىش بېرىكمىسىدە خەۋپ- خەتەرنى ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

2. فوندقا قەرەللىك مەبلەغ سېلىش

فوند بىر خىل مۈلۈك شەكلى، فوندقا قەرەللىك مەبلەغ سېلىش خەۋپ- خەتەرنى ئازايتىدىغان بىر خىل شەكىل. فوندقا قەرەللىك مەبلەغ سېلىش دېگەندە، بىر قىسىم مەبلەغنى قەرەللىك ھالدا فوند سېتىۋېلىشقا سەرپ قىلىپ، شۇ ئارقىلىق تەننەرخنى تەكشى چېچىپ، يۇقىرى خەۋپ- خەتەردىن ساقلىنىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر سىزنىڭ خەۋپ- خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىڭىز بىر قەدەر تۆۋەن بولسا، ئۇ ھالدا فوند ئىچىدىكى زايوم فوندى تېخىمۇ ماس كېلىدۇ.

ئۈچىنچى مەخپىي چارە: ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنى ئالدىن ئويلاپ قويۇش

بىز مالىيە باشقۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشتا ھامان ياخشى تەرەپكە ئويلاشنى ياقتۇرىمىز. ئەمما يېڭى مەبلەغ سېلىشنى باشلىغان دوستلار ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنى ئالدىن ئويلاپ قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. مەسىلەن، شياۋمىڭنىڭ قولىدا 50 مىڭ يۈەن پۇل بولسا، بۇنىڭ ئىچىدىكى %30 تىنى ئۈچ يىللىق زايوم سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى، %50 تىنى تور بانكىسىدا قەرز تارقىتىشقا ئىشلەتتى، %20 تىنى خەۋپ- خەتىرى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان پايچەك تىپىدىكى فوند سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى، ھەمدە قەرەللىك مەبلەغ سېلىش چىڭ تۇردى. گەرچە شياۋمىڭ قەرەللىك مەبلەغ سېلىشتا چىڭ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بازارغا كىرگەن ۋاقتى بىر قەدەر كېيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاي بازىرىدا ئاپەت كۆرۈلگەچكە، ھازىر ئۇنىڭ پايچەك فوندىدا %20 زىيان كۆرۈلدى (ئەڭ ناچار ئاقىۋەت).

ئەمما ئومۇمىي مەبلەغ سېلىش بېرىكمىسىدىن قارىغاندا، گەرچە شياۋمىڭ %20 لىك خەۋپ- خەتىرى يۇقىرى مۈلكى بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى باھادا سېتىۋالغان بولسىمۇ، ھەمدە شىددەتلىك تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يىللىق ئومۇمىي كىرىمى يەنىلا مۇسبەت ساندۇر، ئۇ زىيان تارتقىنى يوق.

ئەلۋەتتە، ھەر كىمنىڭ ئۆز قارىشى  بولىدۇ، ھەر بىر ئادەم ئاۋۋال ئۆزىنى چۈشىنىشى، ئاندىن مەبلەغنى مۇۋاپىق تەقسىملىشى كېرەك. نېمىلا دېگەن بىلەن، ئۆزىگە ماس كېلىدىغىنى ئەڭ ياخشىدۇر.



خەتكۈچلەر:
24-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     يېمەكلىك باھاسنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگونىڭ 5-ئايلىق ئىستېمال پۇل پاخاللىقى 8 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم پەسىيىپ، سىياسەت تۈزگۈچىلەرگە پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشك...
10-06-2016
ۋال كوچىسى 10-ئىيۇن خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئاپتوموبىل كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ تەمىنلەش سودىگىرى پۈتكۈل دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش بازىسى-جۇڭگو ۋە مېكسىكىغا جەمئىي 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېق...
30-05-2016
خېشۈن تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بۇ دۈشەنبە كۈنى بازاردا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1253.25 دوللار بولغان ئىدى، ئەمما قىسقىغىنا بەش سودا كۈنىدە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 40 دولل...
28-05-2016
    جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسى: جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى بىرىنچى چوڭ بانكا دېگەن نامى بار. ئىسىمدىنلا ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو سودا-سانائەت بانكىسىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈ...
28-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان،  ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.     5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
28-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، قازاقىستان زۇڭلىسى ماسىموۋ  بىلەن ئالى بابا گوروھىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى مايۈننىڭ گۇۋاھلىقى ئاستىدا، قازاقىستان دۆلەتلىك ئىگىلىك ھوقۇقى بايلىق فوندى، قازاقىستان تېلې...
28-05-2016
    شىنخۇا تورى، 27-ماي خەۋىرى. بىر قانچە كۈن بۇرۇن تورداشلار باففېتنىڭ قۇلىدا ئالـما شىركىتىنىڭ قىممىتى 1 مىلياردتىن دوللاردىن ئاشىدىغان پاي چېكى بارلىقىنى ئېيتىپ ئۆتۈشكەن ئىدى، بۈگۈن بۇ پايچىكى ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئا...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
Powered by Leglek