قاقاقلاپ كۈلۈش ئاستا يۈگۈرۈش بىلەن باراۋەر

يېقىندا، ئىتالىيەلىك داڭلىق تەنھەرىكەت ئالىمى نېرۋا ئالېكساندىر ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابى ‹‹بەختلىك تۇرمۇش ھەر تەرەپلىمە ساغلاملىقتىن باشلىنىدۇ››دا، قاقاقلاپ كۈلۈشنىڭ ئاستا يۈگۈرۈش بىلەن باراۋەرلىكىنى، شۇنداقلا بۇنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولغان ئوكسىگېنلىق ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.


ھازىرقى زامان فىزىئولوگىيە ئىلمى تەتقىقاتىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، كۈلۈش ئالاھىدە ھەرىكەت شەكلى بولۇپ، ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ياخشى گىمناستىكا ھېسابلىنىدىكەن. ئادەم كۈلگەندە قورساق قىسمىدىكى مۇسكۇللار ئىختىيارسىز يىغىلىدىكەن، نەپەسلىنىش سۈرئىتى، ئۆپكىنىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى نىسبەتەن تېزلىشىدىكەن، بۇ ئاستا يۈگۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ئوخشىشىدىكەن. ئادەتتە ئورۇندا تۇرۇپ يۈگۈرگەندە ھەر مىنۇتتا ئوندىن 13 كالورىيە ئىسسىقلىق سەرپ قىلىنىدىكەن. تەجرىبىدىن بايقىلىشىچە، ئېچىلىپ – يېيىلىپ كۈلۈش ئادەم بەدىنىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارىنى خورۇتىدىكەن.

ئادەمنىڭ بويى بىلەن كۈلكە ئاۋازىنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئون مىنۇت قاقاقلاپ كۈلسە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 50 كالورىيە ئىسسىقلىق خورايدىكەن. ئامېرىكا سىتانفۇرد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ۋىليام فېليى 100 قېتىم قاقاقلاپ كۈلگەندىكى سۈمۈرۈلگەن ئوكسىگېننىڭ ئون مىنۇت قېيىق ھەيدەش ھەرىكىتى قىلغاندىكى سۈمۈرۈلگەن ئوكسىگېن مىقدارى بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.


بۇنىڭدىن باشقا، قاقاقلاپ كۈلۈش يەنە كۆكرەك مۇسكۇلىنى سوزىدىكەن، كۆكرەك قەپىسىنى كېڭەيتىدىكەن، ئۆپكىنىڭ سىغىمچانلىقىنى ئاشۇرىدىكەن؛ قورساق مۇسكۇلىنىڭ تەكرار بوشىشى ۋە يىغىلىشى، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى كۈچەيتىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىنى ياخشىلاپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم قىلىدىكەن؛ قاقاقلاپ كۈلگەندە، پۈتۈن بەدەننىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلىنىشى ياخشىلىنىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
28-10-2014
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دورا باشقۇرۇش قانۇنى (1984–يىل 9–ئاينىڭ 20–كۈنى 5–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7–يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2001–يىل 2–ئاينىڭ 28–كۈنى 9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلى...
02-05-2016
    يۈرەك بېسىمى ئارتىپ كەتكەندە ياكى مۇسكۇل زەخمىلەنگەندە، يۈرەككە قان يېتىشمەي، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق يۈرەك كېشەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. تۆۋەندىكى بىر قانچە ئالامەت يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ: ...
30-04-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان بولۇپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بەلگىلەنگەن دورىخانىسى چوقۇم 24 سائەت دورا سېتىشى كېرەك. شىنجاڭ ئۇيغ...
30-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگىل كۆز ئالمىسىغا بىۋاسىتە ئۈسكۈنە كۆچۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغان پاتېنت ئىلتىماس قىلغان. گۇگىل بازارغا كىرىشكە ئامالسىز بولغان قارا تېخنىكىغا ئ...
30-04-2016
     تولۇقسىز مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياشلاردىمۇ چاچ بالدۇر ئاقىرىش ئەھۋالى كۆپەيگەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، چاچ ئاقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر كۆپ ئىكەن ھەم ئادەمگە قاراپ ئوخش...
30-04-2016
    نۇرغۇن كىشىلەر مەندىن «سىز يالغۇزلۇق ھېس قىلامسىز؟» دەپ سورايدۇ، مەن ئۇلارغا «ئۇنداق ھېس قىلمايمەن، مۇھىمى سىز قايسى خىل ئىدىيەنى كۈچەيتىشكە باغلىق» دەپ جاۋاب بېرىمەن. بەزى كىشىلەر يالغۇزلۇق بىلەن كېسەلنى بەكرە...
30-04-2016
    باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش (شەقىقە دەپمۇ ئاتىلىدۇ) غەرب تېبابىتىدىكى قان تومۇر خاراكتېرلىك باش ئاغرىقلىرىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، كۆرۈش دائىرىسى كەمتۈكلىشىش، يارتا قارىغۇلۇق قاتارلىق بېشارەتلەردىن كېيىن، بىر تەرەپ چاناق، چېكە ۋە پ...
30-04-2016
    گۇگول شىركىتى يەنە قالتىس تېخنىكا چىقاردى! چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، Googleيېقىندا بىر يېڭى پاتېنت تېخنىكىسى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇ تېخنىكا سۇيۇق ھالەتتتىن مۇقىم ھالەتكە ئۆزگىرەيدىغان مىكرو ئېلېكترونلۇ...
29-04-2016
    زىيادە بېسىم تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ياپونىيەدىكى بىر شىركەت كومپيۇتېرنىڭ مائۇسى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بېسىمىنى ئۆلچەپ چىقىشنى ئۈمىد قىلدى. ئالدىنقى ھەپتە توكيو MedTec يىغىنىدا، Alps Electic شىركىتى بىر ...
29-04-2016
    CNBC تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فېيسبۇكنى قۇرۇش ناھايىتى دادىللىق بولۇپ، بىراق شىركەت CEO سى مارك زاكېربىرگ تېخىمۇ جۈرئەتلىك بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «دۇنيادىكى بارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاش». زاكېربىرگ تېلېفون...
Powered by Leglek