ئىراق ئاممىسى رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچراپ مۇساپىر بولۇشقا باشلىدى

سۇمۇرۇغ  تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كومىتېتىنىڭ مەسئۇل كاتىپى ئامۇس شۇ يەر ۋاقتى 18-نويابىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا ئىراق ئىنسانپەرۋەرلىك ئەھۋالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىۋاتقانلىقىنى نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىنىڭ ئىراقنىڭ چېگرىسى ئىچىدە بىخەتەرلىك ۋە پۇقرالارنى قوغداشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .

 

خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى ئىراق مەسىلىسى توغرىسىدا ئاشكارا يىغىن ئاچتى ،ئامۇس بايانات ئېلان قىلىپ ئىراقتا نۆۋەتتە بەش مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج ئىكەنلىكى ،دۆلەت ئىچىدە ئۆي ماكانسىز قالغانلارنىڭ ئىككى مىليونغا يەتكەنلىكى ،دوكلاتتا يەنە داۋاملىق كۆپىيىۋاتقانلىقى ،ئۆتكەن ئون ھەپتىلا 200 مىڭ كىشىنىڭ زوراۋانلىقتىن قېچىپ يۇرتلىرىدىن مەجبۇر ئايرىلغانلىقىنى ،ئۇنىڭدىن باشقا يۈز مىڭدىن كۇپ ئېراقلىقنىڭ قوشنا دۆلەتتە مۇساپىرلىققا تىزىملاتقانلىقىنى ئېيتتى .

 

ئامۇس يەنە رادىكال تەشكىلات ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراق چېگرىسى ئىچىدە پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلەردە ،ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكى ،لېكىن ئۇلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا دەخلى تەرۇز قىلىشتىكى بىر دىنبىر جىنايەتچى ئەمەسلىكى ،باشقا قوراللىق تەشكىلاتلارنىڭمۇ پۇقرالارغا ۋەھشىي زوراۋانلىق قىلىۋاتقانلىقى ،خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ كىرزىسنى ھەل قىلىشتا مەسئۇلىيىتى بارلىقى ،نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشنىڭ بىخەتەرلىك ۋە پۇقرالارنى قوغداشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى .

 

بۇ يىل ئىيوننىڭ باشلىرىدىن بۇيان ،رادىكال تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار ئىراقنىڭ شىمالىي ۋە غەربىي قىسمىدىكى كەڭ زېمىننى ئىگىلىۋالدى .ھەم مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىملىرى بىلەن كەسكىن توقۇنۇشۇپ ،ئىراقنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى يامانلاشتۇردى .كۆپ قىسىم ئېراقلىق ئۆي ماكانسىز بۇلۇپ قالدى .

 

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK

 



خەتكۈچلەر:
21-11-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
    5-ئاينىڭ 17-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭغا يېتىپ بېرىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان...
18-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، ئەنگلىيەنىڭ ۋوس، ئايال پادىشاھ ئىلزابىت دۆلەتلىك ئابىدە ئۆسۈملۈك باغچىسىدا خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى، ھەمدە ئافغانىستاندا ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش مەزگىلىدە قۇربان بولغان ئەسكەرلەرگە ھۆرم...
18-05-2016
تاس ئاگېنتىلىقىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيە پارلامېنت ئەزاسى شامىل تاھىر 16-چېسلا Twitter دا سۆز قىلىپ، رۇسىيە ئايروپىلانىدىن يەنە بىرىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ بۇ سۆزى ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغاپ...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، كېنىيە نايروبى. كېنىيە ھۆكۈمىتى بىر ئورۇندىكى بىنانى چاقماقتا. ئىگىلىنىشىچە، كېنىيە دائىرىلىرى 250 ئورۇندىكى سۈپەتسىز قۇرۇلۇشلارغا نىسبەتەن چېقىش-كۆچۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، جەنۇبىي ئافرىقا كاپېتوۋن، سول قانات پارتىيە ئىقتىسادىي ئەركىنلىك جەڭچىسى پارتىيەسىنىڭ (EFF) ئەزالىرى پارلامېنتقا بۆسۈپ كىرىپ، پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇرۇشقانلىقتىن، ئامانلىق قوغداش خادىملىرى تەرىپىدىن قوغ...
18-05-2016
خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى بىرلىكتە بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «قانۇنسىز چېگرىدىن ئۆتكۈزۈپ قويغۇچىلار گۇرۇھى» ئۆتكەن يىلى ياۋروپ...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، ئامېرىكا نيۇيورك. بىر كۆتۈرمە تۆمۈر يول رېلىسى ئاستىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن پويىزلار ۋاقتىنچە توختىتىلغان. بۇ دەل كەچتىكى قاتناش يۇقىرى پەللە مەزگىلى بولۇپ، نۇرغۇن يولۇچى نيۇيورك مەركىزىي ۋوگزالىدا...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
18-05-2016
  جۇڭگو خۇاشىيا تورى 18-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى؛    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 17-ماي كۈنى، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا كۆپ قېتىم پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچى...
18-05-2016
ئۆزبېكىستان مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستان بۇ يىل ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ۋە ئوقۇغۇچىلارغا سوۋغات سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل يىغىشنى چەكلىگەن، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پۈتتۈرۈش كېچىلىكى ئۆت...
Powered by Leglek