ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى:كىم تەستىقلىسا شۇ مەسئۇل بولۇش، كىم دېلو بېجىرسە شۇ مەسئۇل بولىدۇ

       تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىش پائالىيىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىچكى قىسىمدا نازارەت قىلىپ چەكلەشنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىش جەريانىدا يۈز بەرگەن قانۇنغا خىلاپ ھوقۇق يۈرگۈزۈش مەسىلىسىنى ۋاقتىدا تۈزىتىش ئۈچۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، «كىم تەستىقلىسا شۇ مەسئۇل بولۇش، كىم دېلو بېجىرسە شۇ مەسئۇل بولۇش»نى تەكىتلىدى.  «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ دېلو بېجىرىش تارماقلىرى ۋە دېلو بېجىرگۈچى خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھوقۇق يۈرگۈزۈش قىلمىشىنى تۈزىتىش، خاتىرىلەش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»دە 18 ئەھۋالنى قانۇنغا خىلاپ ھوقۇق يۈرگۈزۈش قىلمىشى دەپ مۇقىملاشتۇردى، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:  

     پاش قىلغۇچى، ئەرز قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىگە دەخلى-تەرز قىلىش؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا دەۋا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچىنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىكىنى مەھرۇم قىلىش، چەكلەش؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا دەۋا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچىنىڭ دەۋا ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش، چەكلەش؛ قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش، ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش؛ دەۋا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچىغا قانۇنغا خىلاپ ھالدا قورال، ساقچى سايمانلىرى ئىشلىتىش ياكى ئۇرۇش، تەن جازاسى بىلەن قىيناش، خورلاش؛ قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش، زورلۇق بىلەن دەلىل - ئىسپات ئېلىش؛ خىزمەت ئۈستىدە جىنايەت ئۆتكۈزگەن گۇماندارلارنى سوراق قىلغاندا بەلگىلىمە بويىچە ماس قەدەمدە ئۈن-سىنغا ئالماسلىق؛ ئىسپاتنى يوشۇرۇپ، بۇزۇۋېتىپ، ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئەمەلىيەتكە خىلاپ باھالاش پىكرى بېرىش ياكى گۇناھسىز كىشىنى جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتۈرۈش؛ قانۇنسىز ئاختۇرۇش، دېلوغا چېتىلغان مۈلۈكنى قانۇنسىز پېچەتلەش، تۇتۇۋېلىش، توڭلىتىپ قويۇش، بىر تەرەپ قىلىش؛ قانۇندا ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئۆزىنى چەتكە ئالماسلىق؛ قانۇن، بەلگىلىمە بويىچە ئادۋوكاتنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلماي، ئادۋوكاتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش؛ قانۇنغا بەلگىلەنگە تەرتىپكە خىلاپ ھالدا دېلو بېجىرىشقا ئارىلىشىش؛ دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقان، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈش؛ دەۋالاشقۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، مەنپەئەت مۇناسىۋىتى بار كىشىلەر ئۈچۈن دېلو ئەھۋالىنى ئىگىلەش، خەۋەر يەتكۈزۈش ياكى دېلو مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش؛ تەپتىش ھوقۇقى ياكى دېلو بېجىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئىتىنى كۆزلەش؛ ھوقۇق ھالقىپ دېلو بېجىرىش، ئىقتىسادىي ماجىرالارغا قول تىقىش، دېلو بېجىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئىقتىسادىي ياردەم تەلەپ قىلىش، قالايمىقان ھەق يىغىش ياكى ئۆي مۈلۈك ۋە قاتناش، خەۋەرلىشىش قورالىنى ئىگىلىۋېلىش؛ ئەرزگە قانۇن بويىچە قارىماسلىق، مەمۇرىي ئورگانلار ھوقۇقىنى قانۇنغا خىلاپ يۈرگۈزۈپ ياكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزمەي نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، ناچار تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىش؛ باشقا قانۇنغا خىلاپ ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋەھاكازالار.



خەتكۈچلەر:
18-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
    تۈنۈگۈندىن بۇيان بوللىۋودنىڭ داڭلىق ناخشىچىسى ئارىجىت سىڭ ناھايىتى غەلىتە ئۇسۇلدا دىققەت ئوبېيكتى بولۇپ قالدى. ئالدى بىلەن 25-ماي كۈنى، ئۇ تۇيۇقسىز فېيسبۇك بېتىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ سالمان خاندىن ئاشكارا كەچۈرۈم سور...
26-05-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 26-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدىكى لاكسېي (Lacksey) ئىسىملىك قىز ۋان گو (Van Go...
26-05-2016
«غەربكە ساياھەت» تىكى ئاز ئۇچرايدىغان پەردە ئارقىسىدىكى سۈرەتلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
23-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ماي مانىلادىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 22-چېسلا سەھەردە فىلىپپىن پايتەختىنىڭ چوڭ مانىلا رايونىدا ئاياغلاشقان بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىدىن بىر شۇم خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەش تاماشىب...
Powered by Leglek