يەرشارى تورى خەۋەرلىرى: كورېيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 4-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنخاي 4-فېۋرال كورېيەنىڭ چوڭۋادى دېگەن يېرىدە جۇڭگو دۆلەت ئىشلىرى كومىسسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەننى كۈتۈۋالغان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، پارك گيۇنخاي كۆرۈشۈشتە مۇنداق دېگەن: بۇ يىل كورېيەنىڭ ياپونىيە مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ھەمدە چاۋشيەن، كورېيە ئىككى دۆلەتكە پارچىلانغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ھازىر دەل كورېيە بىلەن چاۋشيەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئالاقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىردەك ماھىيەتلىك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ياخشى پەيتى. كورېيە-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو قاتارلىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەمكارلىقىغا مۇھتاج.
چاڭ ۋەنچۈەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پارك گيۇنخايدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىگىلىنىشىچە، چاڭ ۋەنچۈەن 3-فېۋرال كورېيەگە يېتىپ كېلىپ، 4-فېۋرال كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خەن مىنچيۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved