جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە تېخنىكا ئۇچۇر تور بېتىنىڭ 18-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئىرپان تەرجىمىسى:
ئامېرىكا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تور بېتىنىڭ 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەھكىمىسى ھىندونېزىيەگە رايسون شىركىتى تەتقىق قىلىپ چىققان AIM-120C-7 AMRAAM باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىشى مۇمكىن ئىكەن.
بىر باياناتتا ئامېرىكا مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىشخانىسى بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر كېلىشىمگە ئىمزا قويۇش تاماملانسا، بۇ سودا قىممىتى 95 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ھەربىي ئەسلىھەلەردىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا، توسۇق ئەسلىھەسى، زاپچاس، مۇلازىمەت ۋە تەربىيەلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئىشخانىسى بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەربىي سودا ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىگە پايدىلىق، يادرولۇق ھەمكارلىق شېرىكلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ، ھىندونېزىيەنى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشىدىكى مۇھىم ھەربىي كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ، دېدى.
خەلقئارا ئاۋىياتسىيەنىڭ ئايروپىلان ئەترىتى تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە: ھىندونېزىيەنىڭ نۆۋەتتە 13 دانە ئامېرىكىدا ياسالغان F-16 A/Cئۇرۇش ئايروپىلانى بار بولۇپ، يەنە 12 دانە F-16 A/C زاكاز قىلغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved