ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەنگەن چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يىپەك يولى قىسسىسى»نى لېنتىغا ئېلىش خىزمىتى 23 - ئىيۇن بۇغدا كۆلىدە ئاخىرلاشتى. بۇ فىلىم بۇ يىل 10 - ئايدا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.
«يىپەك يولى قىسسىسى» فىلىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو مىللەتلەر ئۈن - سىن نەشرىياتى، «دايې» تاراتقۇ گۇرۇھى، بېيجىڭ شىنيىڭ تيەنرۇن مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن. بۇ فىلىم ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ «يىپەك يولى كىنو - تېلېۋىزىيە كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى»دىكى نۇقتىلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ.
كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «يىپەك يولى قىسسىسى» دە غەيرەت سۇلايماننىڭ ئەتلەس توقۇمىچىلىق ۋارىسىدىن يېڭى جۇڭگودىكى 1 - ئەۋلاد ئالىي توقۇمىچىلىق مۇتەخەسسىسىگە ئايلىنىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. فىلىمدە خوتەننىڭ ئەتلەسچىلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شىنجاڭ توقۇمىچىلىق سانائىتىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى زور ئۆزگىرىشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ تېلېۋىزىيە فىلىمگە «ھازىرقى زامان جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تېمىسىدىكى نادىر تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەيدىغان رېژىسسور» دەپ نام ئالغان ۋاڭ ۋېنجيې بىلەن مۇنەۋۋەر ياش رېژىسسور جاۋ لىجۈن بىللە رېژىسسورلۇق قىلغان. سېنارىيەنى جۇڭگو مىللەتلەر ئۈن - سىن نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، يازغۇچى جىڭ يى يازغان. ياش ئارتىس بەختىيار ئەزىز بىلەن ئارزۇگۈل بۇ فىلىمدە باش رول ئالغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved