تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن AMG!
SD GT3 مۇسابىقە كېمىسى ئۇقۇم سۈرىتى ئاشكارلاندى
يېقىندا بېنىز ۋە داڭلىق مۇسابىقە كېمە ئەتىرىتى Cigarette Racing بىرلىشىپ پات ئارىدا يېتىپ كېلىدىغان SD GT3 ئۇقۇم ئاپتوموبىلىنى ئېلان قىلدى. بۇ كېمە 2-ئاينىڭ 11-كۈنى مىئامى خەلقئارا ساياھەت پاراخوتى كۆرگەزمىسىدە كۆرگەزمە قىلىنىدۇ، ئۇنىڭ لاھىيە ئىلھامى بېنىز AMG GT3 ماشىنا تىپىدىن كەلگەن.
ئېلان قىلغان سىرتقى كۆرۈنۈش سۈرىتىدىن قارىغاندا، بۇ نۇسخا مۇسابىقە كېمىسىنىڭ لاھىيە ئىدىيەسى AMG GT نىڭكى بىلەن ئوخشاش. رەڭ تەڭشىكى تەرەپتە، بۇ نۇسخا SD GT3 كۈمۈش رەڭلىك كۈمۈش رەڭلىك سىرتقى كۆرۈنۈشكە سېرىق رەڭلىك بېزەك سىزىقچە ماسلاشتۇرۇپ، AMG جەمەتىنىڭ تېخنىكا تۇيغۇسى بىلەن مۇكەممەل بىرلەشتۈرگەن. سىرتقى كۆرۈنۈشتە ئوخشاشلا ئىنتايىن ئۇزۇن بولغان «ماتور قاپقىقى» ۋە سۇيۇر شەكىلىدە، بىراق بۇنداق لاھىيە بۇ مۇسابىقە كېمىسىنىڭ ھەيدەش بۆلۈمى بوشلۇقىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
گەرچە ئورگان تەرەپ تېخىمۇ كۆپلىگەن تەپسىلاتىنى ئېلان قىلمىغان، ئەمما 41 دىيۇملۇق كېمە گەۋدىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 مېتىر ئەتىراپىدا، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن AMG دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئوخشاشلا ئۇنىڭ ئورنى مۇسابىقە كېمىسى، كېمىگە ئورنىتىلغان ماتوردىمۇ نۆۋەتتىكى ئىلغار بولغان ماتور گۇرۇپپىسىنى ئىشلىتىدۇ.
گەرچە مۇشۇنداق گۈزەل سىرتقى كۆرۈنۈشكە ئىگە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىلھامىنىڭ AMG GT3 دىن كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. AMG GT3 بىر نۇسخا خەلقئارا ئاپتوموبىل بىرلەشمىسى GT3 مۇسابىقە گۇرۇپپىسى ئۈچۈن تەييارلانغان تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان مۇسابىقە ئاپتوموبىلى. بۇ ماشىنا AMG GT نىڭ ئەسلى تىپى، كەڭرى گەۋدىلىك كاربون تالالىق ھاۋا دىنامىكىسى زاپچىسىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغان ھەمدە ئالدى بىخەتەرلىك لىمىنىڭ قىياپىتىنى قايتىدىن لاھىيەلەپ، يۇقىرى سۈرئەتتە ھەيدەشكە تېخىمۇ ماسلاشتۇرغان. ئوخشاشلا كۈچەيتىلگەن كاربون تالالىق يان چاپان ۋە قۇيرۇق زاپچىسىمۇ كەم ئەمەس.
ئىچكى بېزەك تەرەپتە، AMG GT3 قوللانغىنى مۇسابىقە ئاپتوموبىللاشتۇرۇلغان ئىچكى بېزەك لاھىيە، بارلىق لاھىيەدە مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ ئۇسلۇبىنى قوللانغان.
ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ سېستىمىسى تەرەپتە، AMG GT3 گە SLS AMG GT3 بىلەن ئوخشاش بولغان 6.3 لىتىرلىق V8 ئۆزلىكىدىن گاز سۈمۈرىدىغان ماتور سەپلەنگەن.
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved