خۇاشىيا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .تېز تاماقخانىلار خىلمۇ خىل ،رەڭگارەڭ زىننەتلىنىدىغان بولسىمۇ ئەمما كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغىنى ئاز .ئەمما ئىراننىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىدىكى شەھەر شىرازدا بىر لايىھىلەش شىركىتى تۇز ئارقىلىق تېز تاماقخانا ياسىغان .بۇ تېز تاماقخانا ئۆزگىچە بولۇپلا قالماي مۇھىت ئاسراشقىمۇ ئىنتايىن پايدىلىق ئىكەن .
بۇ ئاشخانىنىڭ ئىسمى ناماك بۇلۇپ پارس تىلىدا تۇز دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .بۇ ئاشخانا ئىسمى جىسمىغا لايىق بۇلۇپ تاملىرى تۇرۇسلىرىدىن ئۈستەللىرىگىچە ھەممىسى تۇز بىلەن ياسالغان .بىر ئوقۇغۇچى :> مەن بەك قىزىقارلىق ھېس قىلدىم ، بۇ ئىراندىكى تۇنجى مۇشۇ خىلدىكى ئاشخانا بەك گۈزەل .ئىكەن مەن بەك ياقتۇردۇم < دېدى .
بۇ ئاشخانىنى لايىھىلىگۈچى ئەلى رىزا ئامۇنىياز بۇلۇپ ،ئۈچ يىلدا ئاندىن بۇ ئاشخانىنى پۈتتۈ رگەن .ئەلى رىزا ئامۇنىياز ئۆزىنىڭ دەسلىپىدە ھەم ئەرزان ھەم مۇھىت ئاسرايدىغان بىر خىل قۇرۇلۇش ياساپ چىقىش ئارزۇسى بارلىقىنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كۆپ خل ئوخشىمىغان تۈرىدىكى تۇزلارنى سىناق قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى ئاخىرى ئەتراپتىكى بىر تۇز كۆلىدىن ئېلىنغان تۇزنى تاللىغانلىقى ھەمدە بۇ تۇزلارنى دەرەخ يىلىمى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بىر خىل نەملىككە چىدامچان يېرىلىشقا قارشى تۇرالايدىغان ماتېرىيالنى ياساپ چىققانلىقىنى ئېيتتى .بۇ تېز تاماقخانا جەمئىي ئىككى قەۋەت بۇلۇپ تۇزدىن ياسالغان ئاساسىي گەۋدىسىدىن باشقا تېز تاماقخانا ئىچىدىكى لىفىت ئۇرۇندۇق ۋ ئىشىك تۇتقۇچى قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى يىغىۋېلىنغان ئىچىملىك بۇتۇلكىلىرىدىن ياسالغان .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved