شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 17-مارت، ‹‹دۇنيا موميالار جەمگاھى ـــ موميالارنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى›› ناملىق چوڭ تىپتىكى سەييارە كۆرگەزمىسى جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى سانتائانا شەھىرىدىكى بوۋېرس مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ ھازىرغىچە بولغان دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ موميا كۆرگەزمىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۆرگەزمىگە دۇنيادىكى 12 دۆلەتتىن كەلتۈرۈلگەن 45 موميا ۋە 90 دىن ئارتۇق ئالاقىدار مەدەنىي يادىكارلىقلىرى جەملەنگەن بولۇپ، ئادەملەر ياسىغان ۋە تەبىئىي شەكىللەنگەن موميالار ۋە تۈرلۈك ھايۋاناتلارنىڭ موميالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ موميالارنىڭ تارىخى تەخمىنەن 4500 يىللار ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە سۈرۈلىدىكەن. مىسىرنىڭ كىلاسسىك ئىنسانلار ۋە ھايۋانلار موميالىرىدىن باشقا، يەنە دۇنياغا داڭلىق پورتۇگالىيەنىڭ ئولو ۋېتتېسې ئائىلىسىنىڭ مومياسى، ئۆتمۈشتىكى ئەڭ ياخشى ئۆتۈك كىيگەن گېرمانىيەنىڭ 14-ئەسىردىكى بارون ۋون خولزنىڭ مومياسى، شۇنداقلا زامانىۋى ئىنسانلار تۇنجى قېتىم تەقلىد قىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ‹‹بۈگۈنكى دۇنيا›› ناملىق موميالارمۇ بۇ كۆرگەزمىگە قويۇلغان.
![]() |
بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
|
![]() |
ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved