ئامېرىكا جۇڭگودا ئىشلەنگەن لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى

پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تور بېتىنىڭ 20-مارتتىكى خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى:

چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئامېرىكا بارلىق لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختىلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن، چەكلەش بىخەتەرلىكنى چىقىش قىلىپ ئەمەس بەلكى Segway شىركىتى پاتېنتقا دەخلى-تەرز قىلىش شىكايىتى سۇنغان.

لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختا ئۇچار گىلەمدەك بوشلۇقتا لەيلىيەلەيدۇ، ئەڭ دەسلەپ 1989-يىلدىكى فانتازىيەلىك كىنو «كەلگۈسىگە قايتىش-2»دە كۆرۈلگەن. 2014-يىلى ئامېرىكا كالفورنىيە ئىشتاتىدىكى تېخنىكا شىركىتى Hendo ئەمەلىي مەھسۇلاتنى ياساپ چىقتى، بۇ شىركەتنىڭ لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختىسى يەردىن پەقەت تەخمىنەن 2.54 سانتىمېتىر كۆتۈرۈلەلەيدۇ، مۇشۇنداق تۆۋەن ئېگىزلىكمۇ چوقۇم توك ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىياللار، مەسىلەن مىس ياكى ئاليۇمىن يۈزىدە ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. باتارېيەنىڭ يېتىش ۋاقتىمۇ 15 مىنۇت، بۇ ۋاقىت «كەلگۈسىگە قايتىش-2»دىكى غوجايىننىڭ دۈشمەننىڭ يېنىدىن تېز سۈرئەتتە قېچىپ كەتكىنىدەك ئۇنداق يەتمەيدۇ.

ئامېرىكا لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى، كۆپ قىسىمى جۇڭگودا 2014-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىشلەنگەن، مەزكۇر سىيرىلغۇچ تاختا «دەۋر» ھەپتىلىكى تەرىپىدىن 2014-يىلىدىكى 25 تۈرلۈك يىللىق ئەڭ ياخشى كەشپىيات بولۇپ باھالانغان.

كىچىك كەشپىيات تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، باش ئىشتابى يېڭى ھامپىشىر ئىشتاتىغا جايلاشقان Segway شىركىتى 400 دىن ئارتۇق پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. شىركەت 2014-يىلىلا ئىمپورت قىلىنغان لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختىلارنى خەلقئارا سودا كومىتېتىغا ئەرز قىلغان، بۇ مەھسۇلاتلار Segway شىركىتىنىڭ پاتېنت تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ، سىيرىلغۇچ تاختىنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغان دەپ قارىغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىمپورت لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختىلارغا (كۆپ قىسىمى جۇڭگودا ئىشلەپچىقىرىلغان) چەكلەش پەرمانى چىقىرىش ئامېرىكىدا بۇ مەھسۇلاتنىڭ قىس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن. بىراق لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختا بازىرى نۆۋەتتە تىنچ مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئامېرىكا ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى كومىتېتى لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختىسىدا «نۇقسان» بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى، چۈنكى يېڭى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان بولۇپ، «ئىنتايىن يۇقىرى ئوت كېتىش خەتىرى» پەيدا قىلىدىكەن. ئامازون ۋەTarget تۈرلۈك ماللار شىركىتى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش سودىگەرلىرى بۇ خىلدىكى مەھسۇلاتنى سېتىشنى توختاتتى.

ئالدىنقى ئايدا، تېنناس ئىشتاتىدىكى بىر ئائىلىدە لەيلىمە سىيرىلغۇچ تاختا سەۋەبلىك ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئىككى ئۆسمۈرنىڭ بىنادا ئوتتا قاپسىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. تەكشۈرۈش خادىملىرى ئوت ئاپىتى مەلۇم خىلدىكى لەيلىمە سىيرىلغۇچ سەۋەبلىك يۈز بەردى دەپ بېكىتتى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا سودا كومىتېتىنىڭ ھۆكۈمىتىدە Segway شىركىتى پاتېنتقا دەخلى-تەرز قىلدى دەپ قارىغان ماركىلار تىزىلغان، ھازىر ئامېرىكا بۇ ماركىدىكى سىيرىلغۇچ تاختىلارنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
    بۈگۈن بېيجىڭ شەھىرى شىياۋيىڭ شىمالىي يولىدا كېتىۋاتقان 569-يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئاپتوبۇستا پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز ئىدى، ۋەقەدە شوپۇر يارىلانمىغان.
28-05-2016
    2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىل تۆپە رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەكلىك يەرمەنكىسىگە شىنجاڭ ئابىدە پەن تېخنىكا تەرەققىيات شىركىتىمۇ قاتناشقان بولۇپ، شىركەت يەرمە...
28-05-2016
   جۇڭگو ئىقتىساد تورىنىڭ 26-مايدىكى تېلېگراممىسى. ھازىر جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكھېرجې 26-ماي بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولدى ھەم سۆز قىلدى. نۇتۇق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ مەكتەپكە 350 پا...
28-05-2016
    سەنشى ئۆلكىسى جىنچېڭ شەھىرىدىكى تۈرمىدىن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن چېڭ يوۋ زې ئىسىملىك «قارا گۇرۇھ كاتتىبېشى» نىڭ لەقىمى «چېڭسەن» بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەنىدى. 5-ئا...
28-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە ياۋروپاغا كىرىدىغان مۇساپىرلار سانىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېشىشىغا ئەگ...
27-05-2016
  مۇخبىرىمىز لى چۈنشيا خەۋەر قىلىدۇ: سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى شىنجاڭ جىخۇا «7555» خىزمەت فورمىسى چەكلىك شىركىتىگە يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئايگۈل ئابدۇجاپپار 16 - ماي كارخانا مۇھىتىدىن مەمنۇن بولۇپ: «بۇ جايدا 300گە يېقىن ئاز سا...
27-05-2016
   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26-ماي تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 26-ماي <<خەلق>> سارىيىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى مۇكېرجى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ مەدەنىي...
27-05-2016
پۇل خەجلەشتىن ئىلگىرى ئاتا–ئانىڭىزنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاپ قويۇڭ      ھازىر بىر قىسىم ستۇدېنتلىرىمىز مودا قوغلىشىپ، توردىن ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ–يۇ، ئاتا–ئانىلىرىنىڭ ‹‹يانچۇقىنى›› ئويلاشمايۋات...
27-05-2016
        ئەنگىلىيە«كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند چىياڭمەي ئۆلكىسى مېيدېڭ ناھىيسىدىكى پىل تەبىئىي باغچىسىدا لېك ئىسىملىك بىر قىز خىزمەتچى ئىشلەيدىغان بولۇپ،...
27-05-2016
    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات نەشرىياتچىلىقى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ...
Powered by Leglek