جەنۇبىي ئافرىقىدىكى چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قالايمىقانچىلىقى ئاساسى جەھەتتىن كونترول قىلىندى

جەنۇبىي ئافرىقا ساقچىلىرى تۈنۈگۈن بۇ دۆلەتتىكى چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قالايمىقانچىلىقى ئاساسى جەھەتتىن كونترول قىلىندى، قالايمىقانچىلىق ئېغىر بولغان دۇربان بىلەن جۇھانىسبۇرگنىڭ ۋەزىيىتى ئاساسى جەھەتتىن مۇقىملاشتى، دېدى. 18-ئاپرىل كەچتىن 19-ئاپرىل ئەتىگەنگىچە، بۇ ئىككى جايدا ئاساسى جەھەتتىن ئۇرۇش، چېقىش، بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەرمىدى.
18-ئاپرىل جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ھىندونوزىيەگە قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ھەمدە ئاسىيا ئافرىقا رەھبەرلىرى يىغىنى ۋە باندۇڭ يىغىنىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش كۈنتەرتىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دۇرباندىكى بىر ۋاقتىلىق مۇساپىرلار لاگىرىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قالايمىقانچىلىقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان چەتئەللىك كۆچمەنلەرگە: جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قالايمىقانچىلىقىنى تېزدىن ئاياقلاشتۇرۇپ، چەتئەللىكلەرنى قوغلاپ چىقارمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. ئۇ يەنە يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قىلمىشىنى ئاز ساندىكى جەنۇبىي ئافرىقلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان، دېدى. نەق مەيداندىكى قىسمەن چەتئەللىك مۇساپىرلار جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قىلمىشىغا تاقابىل تۇرۇشنى كېچتۈرگەنلىكىدىن نارازى بولدى.
مۇخبىر ماقالە ئېلان قىلغۇچە، توپىلاڭدا ئاز دېگەندە 6 ئادەم قازا قىلدى، نەچچە مىڭ چەتئەللىك كۆچمەن يۈرت ماكانىدىن ئايرىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنستىرى 19-ئاپرىل توپىلاڭنى پەيدا قىلغۇچىلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى ھەمدە ھۆكۈمەت چوقۇم ئىش تېرىغۇچىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ، دېدى. ئۇ: ھازىر ساقچىلار قالايمىقانچىلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان 307 ئىش تېرىغۇچىنى قولغا ئالدى، دېدى.
جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قېتىمقى چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قالايمىقانچىلىقنىڭ ئاساسلىق تەسىر كۆرسەتكەن ئوبيىكتى- ئافرىقىلىقلارنىڭ پۇشتىدىن بولغان كۆچمەنلەر بولدى. ھازىر جۇڭگولۇق بىر مۇھاجىرنىڭ دۇربان شەھەر ئەتراپىدىكى تاللا بازىرى بۇلانغاندىن باشقا جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى كەڭ دائىرىدە بۇنىڭ تەسىرگە ھازىرچە ئۇچرىمىدى. جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى يېقىنقى مەزگىلىدە كۆپ قېتىم: جەنۇبىي ئافرىقىغا ساياھەتكە بارىدىغان مۇھاجىر قىرىنداشلارنىڭ شۇ جاينىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قالايمىقانچىلىق بولىۋاتقان رايونلارغا بارماسلىقنى، ئەگەر ئامما يېغىلىش قىلغان، نامايىش قىلىۋاتقان يەر بولسا تېزدىن ئايرىلىشىنى جىددى ئاگاھلاندۇرغانىدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى جامائەتچىلىك بىردەك: جەنۇبىي ئافرىقا زۇلۇ قەبىلىسىنىڭ باشلىقى زىۋىيلىدنىڭ مۇناسىۋەتلىك چەتئەللىكلەر ئۆيىگە قايتىشى كېرەك دېگەن سەپسەتىسى- بۇ قېتىمقى چەتئەللىكلەرنى يەكلەش ۋەقەسىنىڭ ئوق پىلتىسى بولدى، دەپ ھېسابلىدى. زىۋىيلىدنى 18-ئاپرىل بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىققا قۇتراتقۇلىق قىلغانلىقىنى ئىنكار قىلىپ، مېنىڭ بۇرۇنقى مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىم «قەستەن بۇرمىلانغان» دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەيلى قايسى دۆلەتتىن بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، كىشىلەر ئۆز-ئارا كەڭ قۇرساق بولۇپ، بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلماسلىقى كېرەك.
زۇما بۇنىڭدىن ئىلگىرى زور مىقداردىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىىسىگە قارىتا مۇنداق دېگەنىدى: ھۆكۈمەت چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇۋاتىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت 350 دۆلەت مۇداپىئە جەڭچىسىنى ئىچكى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ نۇرغۇن چېگرا ئېغىزلىرىغا ۋاقتىلىق كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى يەنە چېگرا لىنىيە بويىغا خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە جىنايىتى ۋە ئوغورلۇقچە چېگرىدىن ئۆتۈش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جەنۇبىي ئافرىقىدىكى چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قالايمىقانچىلىقىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق سەۋەبى -يەنىلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئىقتىسادنىڭ ئېىشش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت %25ئەتراپىدا بولىۋاتقانلىقى، غايەت زور باي نامراتلىق پەرقىدە ئۆزگىرش بولمىغانلىقىدا. بۇنىڭدىن باشقا، چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قالايمىقانچىلىقىنىڭ يېقىنقى يىللاردا پات پات يۈز بېرىشى- جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسىنىڭ يىتەرسىز بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىكلەرنى يەكلەش قالايمىقانچىلىقىنى پەيدا قىلغۇچىلارنى جازالاش كۈچى يىتەرسىز بولدى، بۇ ئىش تېرىغۇچىلارغا خاتا سىگنال بېرىپ، قالايمىقانلىقنىڭ قايتا كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
جەنۇبىي ئافرىقا «كۈندىلىك باشقا پىكىر» تور بېكىتىنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلىدى: جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئېرقى ئايرىمىچىلىق سىياسىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش دەۋرىدە ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ زور دەرىجىدە قوللىشىغا ئېرىشكەن. ھازىر ئافرىقىدا باشقا دۆلەت پۇقرالىرى دۇشمەن دەپ قارالماقتا. بۇ جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتىنى ئوسال ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. شۇڭلاشقا، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىزچىل «چەتئەللىكلەرنى يەكلەش» دېگەن خەتنى قالايمىقانچىلىقنىڭ بەلگىسى قىلىپ ئىشلىتىشنى ئىنكار قىلىپ، «ئادەتتىكى جىنايەتچى» ياكى «زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلغۇچى» قاتارلىقلار بىلەن تەسۋىرلىدى. ئەلئارىسىدىكىلەرنىڭ چەتئەللىك كۆچمەنلەرنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىگە بولغان ئاغرىنىشىغا قارىتا، جەنۇبىي ئافرىقا ھۆكۈمىتى كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇنى تۈپتىن ھەل قىلىشقا كۈچ چىقارمىغانىدى.



خەتكۈچلەر:
20-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ئاۋسترالىيە ئاساسى گۈللەندۈرۈش ھەم قاتناش مىنىستىرى Darren Chester 26-ماي مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن، ھىندى ئوكيان دېڭىز ساھىلىدىن يې...
27-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 26-ماي بەرگەن تېلېگراممىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا فىرانسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى فىرانسىيە ۋە مىسىر بىرلىشىپ ئىككى شەخسى شىركەتنى مىسىر ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسىنى ئىزدەشكە...
27-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىئوردانىيەنىڭ ئوماندا ئىئوردانىيە خان جەمەتى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، ئىئوردانىيە مۇستەقىللىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىئوردانىيە پادىشاھى، خانىش ۋە ئۈچ بالىسى تەبرىكلەش پائالىي...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 26- مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندوېزىيە زۇڭتۇڭى 26- ماي جىددىي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى...
27-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات تورى 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىلىق بىر قۇرۇلۇش ئىشچىسىغا بۇندىن تۆت يىل بۇرۇن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى (تەخمىنەن 6.5 مىليون يۈەن) لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان. بىراق ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئايالى ئې...
27-05-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، سىرىلانكا مۇقدىشو. ئۆتكەن نەچچە كۈندە مۇقدىشو ئۇدا ياغقان قارا يامغۇرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كەلگەن بولۇپ، قارا يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتى نەچچە يۈز ئائىلىلىك كىشىنى يۇرت-ما...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 26-ماي، ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن، 1916-يىلىدىكى پاسخا بايرىمى قوزغىلىڭىدا ۋاپات بولغان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا، كانادانىڭ ئېرلاندىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋىككېرس (Kevin Vickers) تەر...
27-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئوكرائىنا 112- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوكرائىنا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، سابىق سوۋ...
27-05-2016
 خەلقئارا لىنىيە تورى 26-ماي خەۋىرى،نۇر تورى تەرجىمىسى:   ياپونىيە NHK ئاخبارات تورىنىڭ 26-ماي خەۋەر قىلىشىچە، 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن G7 ئىسې شىما باشلىقلار يىغىنى ياپونىيەدە باشلانغان. ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ئىسې مۇ...
Powered by Leglek