ئەسلى تېمىسى: مايۈننىڭ بايلىقى ۋاڭ جىيەنلىننىڭ 2 ھەسىسىگە يەتسىمۇ " ئازراقمۇ جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلىنىش تۇيغۇسى يوق " دېدى.
سۇمرۇغ پەن – تېخنىكىسى خەۋىرى | لەگلەك تورى تەرجىمىسى: سۇمرۇغ پەن تېخنىكىسى 9 – ئاينىڭ 20 كۈنىدىكى خەۋىرى. ئالى بابا نيۇ يورك پاي چېكى بازىرىغا BABA نامىدا رەسمىي ھالدا كىرگەن. پاي چېكى باشلىنىش باھا - نەرخى 92.7 دوللار بولۇپ، دەسلەپكى تارقىتىلىش باھاسىدىن 36% ئاشقان، بازار قىممىتى 228.5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يىتىپ، بىر سەكرەشتىلا FaceBook, Amazon، تېڭشۈن ۋە eBay لاردىن ئېشىپ، Google نىڭ كەينىگىلا تىزىلىپ، ئىككىنچى چوڭ ئىنتىرنېت شىركېتىگە ئايلانغان.
مايۈن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: "مەندە ئەڭ چوڭ بايغا ئايلىنىش ھەققىدە ئازراقمۇ تۇيغۇ يوق، خوتۇنۇم مېنىڭ مال – دۇنياغا ئەمەس كىشىلەرنىڭ ھۆرمېتىگە ئىرىشىشىمنى بەكرەك ئارزۇ قىلىدۇ. 1 مىليۇن چېغىدا ئۇلار مېنىڭ پۇلۇم ئىدى، 100 مىليۇندىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن بۇ پۇللار مېنىڭ ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىڭ".
سىتاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشىچە، مايۈننىڭ بايلىقى بۇ بىر يىلدا 248% ئاشقان. بۇ بەلكىم ئالى بابانىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن كېلىپ چىققان. بۇلتۇر 12 – ئايغىچە بولغان 9 ئاي ئىچىدە ئالى بابا نىڭ تاپاۋەت سوممىسى 57% لىك نىسبەت بىلەن تىز ئۆرلەپ، چىقىمنىڭ 33% لىك كۆپىيىش نىسبىتىن خىلىلا يۇقىرى بولغان .
ئالى بابا پايچىكى چاقىرىش كىتابچىسىدە ئاشكارىلىنىشىچە، مايۈن ئالى بابا نىڭ 7.8% گە ئىگە ئىكەن. نۆۋەتتىكى پاي چېكى باشلىنىش نەرخىنى 92.7 دوللار بويىچە ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ ئالى بابا دىكى ئومۇمى پاي سوممىسى 18 مىليارد دوللار بولىدىكەن، ئۇنىڭ يەنە باشقا بايلىقلىرىنى قوشقاندا ئومۇمى بايلىقى ۋاڭ جىيەنلىن (ساپ مەبلىغى 12.4 مىليارد) نىڭ 2 ھەسىسىگە يىقىنلاپ قالىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا، ئوخشاشلا ئىنتىرنېت شىركېتىنىڭ سەركەردىسى ماخۇا تېڭ تېڭشۈننىڭ پاي چېكى بىر نەچچە قېتىم داۋالغۇش سەۋەبىدىن، بىر مەيدان خەتەرلىك سەرگۈزەشتىلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن. دالىيەن ۋەندا گورۇھىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ جىيەنلىن بولسا پاي چېكىنى بازارغا سالمىغانلىقتىن، بايلىقى بىر قەدەر مۇقىم بولغان.
بۇ يىل 8 – ئاي ئاخىرىدا بلۇمبېرگ ئاگېنىتلىقى سانلىق كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، مايۈننىڭ ساپ مەبلىغى 21.8 مىليارد دوللار بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ بايغا ئايلانغان. 9 – ئاينىڭ 18 – كۈنىگىچە، يەنى ئالى بابا نىڭ بازارغا چىقىشىدىن بىر كۈن بۇرۇن، بلۇمبېرگ ئاگېنىتلىقى سانلىق كۆرسەتكۈچىدە مايۈننىڭ ساپ مەبلىغى 21.9 مىليارد دوللار بولۇپ، خەلقئارادا 34 – ئورۇنغا تىزىلغان. خەلقئارادىكى پەن – تېخنىكا ساھەسىدىكى بايۋەچچىلەر قاتارىدا مايۈننىڭ ساپ مەبلىغى بىلەن 7 – ئورۇنغا، لى يەن خۇڭ 16.7 مىلياد دوللار ساپ مەبلىغى بىلەن 9 – ئورۇنغا، ماخۇا تېڭ 15.6 مىليارد دوللار ساپ مەبلىغى بىلەن 13 – ئورۇنغا تىزىلغان.
![]() |
چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەڭ يېڭى بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شىياڭگاڭ يەنىلا پۈتۈن دۇنيادىكى تورغا چىقىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى جاي ئىكەن. شىمالىي ئامېرىكا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved