لەگلەك تورى تەرجىمىسى
4-ئاينىڭ 16-كۈنى ،لىيۇۋ خەن قاتارلىق ئون كىشىنىڭ دېلوسىغا قايتا سوت ئېچىلدى .شۇ كۈنى سوتتا قارا جەمئىيەتنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى لىيۇ خەن ئۆزىنىڭ شۇنچە كۆپ جىنايەتنى پۇل ئۈچۈن قىلمىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئۆزىنىڭ شۇنچە كۆپ پۇلنى قىمار ئويناپ ئۇتتۇرغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار قىلمىشى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدىغانلىقى ئېيتىپ كەيپىياتى ناچارلاپ ،يىغلاپ كەتكەن .
14-چسىلا ئەيىبلىگۈچى بىر قاتار ئىسپاتنى ئوتتۇرىغا قويغاندا ،لىيۇ خەن ئۆزىنى ئاقلاپ :‹سىلەر مېنى شۇنچە پەسكەش چاغلاپ قالدىڭلارمۇ؟مەن شۇ بىر نەچچە يۈز مىڭ يۈەننى دەپ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتنى ئۆتكۈزەمدىم ،سىلەر مېنىڭ شۇ دەرىجىدىكى بىچارە چاغلاپ قالدىڭلارمۇ ؟دېگەن ،ۋە ئارقىدىنلا ‹مەن راستىنلا بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالدىم ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بەكلا بىچارە ›دېگەن .
لىيۇ خەن ئىلگىرى ئاۋمېندا 10 مىليارد ،سىنگاپوردا 11مىليون يۈەن ،ئامېرىكىدا 11مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى قىماردا ئۇتتۇرۇۋەتكەن .ئۇ :‹ھەر قېتىم ئۇتىۋالسام كەتكۈم كەلمەيتتى ، ۋە نەچچە ھەسسە ئارتۇق ئۇتۇشنى ئويلايتتىم ،ئەگەر ئۇتتۇرۋەتسەم قولۇمدىكى بارلىق بىساتىمنى ئۇتتۇرۇپ بۇلۇپ ئورنۇمدىن تۇراتتىم.ھازىر ئويلاپ بەكلا پۇشايمان قىلدىم ،مەن خەلق پۇلىنى دەپسەندە قىلىپتىمەن ›دېگەن .
تەپتىش مەھكىمىسى، لىيۇۋخەن، لىيۇۋېي قاتارلىق جىنايەتچىنىڭ ، قارا جەمئىيەت تەشكىللەشكە باشچىلىق قىلىش جىنايىتى، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، قارا جەمئىيەت خارەكتىرىنى ئالغان تەشكىلاتقا قاتنىشىش جىنايىتى، قانۇنسىز باشقىلارنى قاماش جىنايىتى، قانۇنسىز قورال-ياراغ ئېلىپ - سېتىش جىنايىتى، قانۇنسىز قورال ئىشلىتىش جىنايىتى، ئوق-دورا ياساش جىنايىتى، تىل بېرىكتۈرۋېلىپ خېرىدار چاقىرىش جىنايىتى، قانۇنسىز تىجارەت جىنايىتى، قاقتى -سوقتى قىلىپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى، قىمار سورۇنى تەشكىللەش جىنايىتى، يوشۇرۇش جىنايىتى، ئومۇمنىڭ پۇلىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش جىنايىتى، قاتارلىق جىنايىتى ئۈستىدە شىكايەت قىلدى. لىيۇۋ خەننىڭ ئىنىسى لىيۇ ۋېي 2000-يىلى9-ئايدىلا بىر قېتىم قانلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن. بۇ قارا جەمئىيەت گۇرۇھىنىڭ تۇغدۇرغان ئاۋارىچىلىقى، ئۆتكۈزگەن جىنايىتى بىر خىللا ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل ۋە چېكىدىن ئاشقان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved