سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ھەردەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى سايلىغاندا زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش، سايلام ھۆججەتلىرىنى ياساش، سايلام ئاۋاز سانىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى سايلىغۇچىلارنىڭ ۋە ۋەكىللەرنىڭ سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈش دەرىجىسى ئېغىر بولغان قىلمىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى تەرۇز ئوبيېكتى پۇقرالارنىڭ سايلام ھوقۇقى، ۋە دۆلەتنىڭ سايلام تۈزۈمى.
بۇ جىنايەت ئوبيېكتىپ جەھەتتە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، پارىخورلۇق قىلىش سايلام ھۆججەتلىرىنى ياساش، سايلام ئاۋاز سانىنى يالغان مەلۇم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ياكى سايلىغۇچىلارنىڭ ۋە ۋەكىللەرنىڭ سايلاش، سايلىنىش ھوقۇقىنى ئەركىن يۈرگۈزۈشىگە دەخلى يەتكۈزۈش دەرىجىسى ئېغىر قىلمىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ جىنايەتنىڭ سۇبيېكتى كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا ئادەتتىكى سۇبيېكت، ئاز ساندىكى ئەھۋالدا سايلام خادىمىكا بولىدۇ. مەسىلەن، سايلام ئاۋاز سانىنى يالغاندىن مەلۇم قىلىش ۋە نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى يالغان تونۇشتۇرۇش قىلمىشنى سايلام خادىمىلا سادىر قىلىدۇ. بۇ جىنايەت سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەن ئۆتكۈزۈلىدۇ ھەمدە سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسەت قىلىنىدۇ.
جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 256-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلەرگە ئۈچ يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved