سىز بىلمەيدىغان Google نىڭ مۇلازىمەتلىرى

ئارىمىزدا Google نىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلار يوق دېيەرلىكقۇ دەيمەن. Google نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم، ھەتتاكى بارلىق مۇلازىمەتلىرىنى پۈتۈنلەي ھەقسىز دېيىشكە بولىدۇ. بىر قىسىم مۇلازىمەتلىرىنى ھەتتا سىز ئاڭلاپمۇ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن…

 


1.گوگۇل مۇشتەرىچىسى(Google Reader): تور بېتى نۇسخىسىدىكى RSS خەۋەرلىرىنى كۆرگۈچ. مۇشتەرى بولۇش ، تەشكىللەش ۋە ئورتاقلىنىش ئاسان .يانفۇن نۇسخىسىمۇ بار.

 


2.گوگۇل ئالبۇمى(Google Picasa): سۈرەت چۈشۈرۈش ۋە تەھرىرلەش ئىقتىدارى بار. بۇ دېتال بىلەن رەسىملەرنى ئېلخەت قىلىپ يوللىغىلى، تورغا چىقارغىلى، ياكى بلوگقا چاپلىغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە بىۋاسىتە تور ئالبۇمى قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

 


3. شەخسلەشكەن باش بەت (iGoogle): Gmail نى كۆرسىتىش، كالېندار، ھاۋا رايى، خەۋەر قاتارلىقلار بار. ئەندىزىلىرى كۆپ خىل.

 


4.گوگۇل ھۆججەتلىرى (Google Docs): يەككە كومپىيۇتېرغا قاچىلىمىسىمۇ بولىدىغان، گوگۇلنىڭ توردىكى ئىشخانا ئاپتۇماتلاشتۇرۇش دىتالى(Office). سىز بۇ ئارقىلىق توردا تۇرۇپلا يىزىق ھۆججىتى ياكى پىرويىكسىيە ھۆججىتى قۇرالايسىز، تارقىتالايسىز ۋە ياكى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىنالايسىز.

 


5.گوگۇل خاتىرە دەپتىرى(Google Notebook): يىزىق،رەسىم ۋە ئۇلىنىشلارنى كىسىپ چاپلىغىلى، ساقلىۋالغىلى،ئىزدەپ تاپقىلى ھەمدە باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقىلى بولىدۇ.

 


6.گوگۇل ئۈستەل يۈزى(Google Desktop): كومپىيۇتېرىڭىزدىكى بارلىق ھۆججەتلەر ئىچىدىن سىز ئىزدىمەكچى بولغان ھەر قانداق ھۆججەتنى تىپىپ بىرەلەيدۇ. iGoogle بىلەن ئوخشاپ كىتىدۇ. كىچىك بىر قورالنى كومپىيۇتېرىڭىزغا قاچىلايدۇ.خەرىتە ۋە ئويۇنلار.

 


7 . گوگۇل ماشىنا ئىزلىگۈچىسى(Google Ride Finder): بۇ قورال ئارقىلىق ئامرىكىنىڭ 14 شەھرىدە گوگۇل يەر شارى،GPS سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، تاكسى، ئاپتوبۇس قاتارلىقلارنى ئىزدەپ تاپالايسىز.

 


8.گوگۇل ئاممىۋى قاتنىشى(Google Transit): گوگۇل خەرىتىسىنى ئىشلىتىپ، گوگۇلغا نەدىلىكىڭىزنى ، نەگە بارىدىغانلىقىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز، گوگۇل سىز ئۈچۈن ئاپتۇس لىنىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرىدۇ.

 


9. گوگۇل مارس(Google Mars): گوگۇل يەر شارى بىلەن ئوخشاش، بىراق بۇنىڭدا كۆرسىتىلگىنى پەقەتلا مارس.

 


10. گوگۇل ئاسمىنى (Google Sky): كۇندۈزىمۇ يۇلتۇز كۆرەلەيسىز. سىز بۇ مەۋھۇم ئالەم تىلىسكوپى ئارقىلىق ھەر خىل يۇلتۇزلارنى كۆرەلەيسىز.

 


11. گوگۇل يەر شارى(Google Earth):ئىشلەتمىگەن بولسىڭىز بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ، ئۇنىڭدىن ئۆزىڭىزنىڭ ئۆيىنى تاپالايسىز.

 


12. گوگۇل 3Dمودىل قۇرۇش دىتالى (Google SketchUp) : ئۆزى ئاددى، ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان مودىل قۇرۇش دىتالى. Mac ۋەwindows دd ئىشلىتىشكە بولىدۇ ئارخىتىكتورلار، ئىنجىنىرلار، لايىھەلىگۈچىلەر، ھەتتا ئويۇن ئىشلىگۈچىلەر ئۈچۈنمۇ قولايلىق قورال. ئابونتلارنىڭ قۇرغان مودىلىنى گوگۇل يەرشارىغا يوللاشقا بولىدۇ.

 


13. گوگۇل پۇل تۆلەش سىستىمىسى (Google Checkout) : جۇڭگۇدىكى ئالىپاي، پېيپاللارغا ئوخشاش پۇل تۆلەش سىستىمىسى.جۇڭگۇدا تىخى يولغا قويۇلمىدى.

 


14. گوگۇل تور سۈرئىتىنى تىزلەشتۈرگۈچىسى (Google Web Accelerator): CDN غا ئوخشاش مۇلازىمەتنى تىزلىتىدۇ. گوگۇلنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇلازىمىتېرلىرىنى ئىشلىتىپ، تور پۇنكىتلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش سۈرئىتىنى ھەسسىلەپ تىزلىتىدۇ.

 


15. FeedBurner : مەخسۇس Feed ئۇرۇقلىرىنى تۇتىدۇ. مۇشتىرى بولۇشقا قولايلىق يارىتىدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر بۇ ئارقىلىق RSS ئىچىگە ئامازوننىڭ ئىلانلىرىنى قىستۇرالايدۇ.

 


16.گوگۇل تارىخى خاتىرىلەرنى ئىزدىگۈچ(Google Web History): سىزنىڭ كۆرگەن بارلىق تور بەتلىرىڭىزنى خاتىرلەپ، سىزنىڭ كىيىن بۇلارنى كۆرۈشىڭىزگە ئاسانلىق يارىتىدۇ

 


17. گوگۇل سانلىق مەلۇمات ئامبىرى(Base Google ): ھەرپ – بەلگە، سۈرەت ۋە تور بەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانلىق مەلۇمات ئامبىرى. ئىزدەش نەتىجىسى تور بىتى ئىزدىگۈچ، گوگۇل يەر شارى ۋە مەھسۇلات ئىزدىگۈچىدە كۆرسىتىلىدۇ.

 


18. ئىزدەش ماتورىغا ئۆزى ئىنىقلىما بىرىش (Google Co-Op): ئىزدەش نەتىجىسىنى مۈكەممەلەشتۈرىدۇ ۋە تۈرلەرگە ئايرىپ، ئابونتلار ئۆزى ئىزدەش ماتورىنى ئۆزى خالىغانچە بەلگىلەپ، مەخسۇس ئۇچۇرلارنى ئىزدەيدۇ.

 


19. گوگۇل قوللىنىش ماتورى (Google App Engine) : گوگۇلنىڭ ھىساپلاش مۇلازىمىتى،بىر خىل مەۋھۇم مۇلازىمىتىرغا تەڭداش بولۇپ، ھازىرچە پەقەتلا Python نىلا قوللايدۇ.

 


20. گوگۇل تور پۇنكىتىنى ئەلالاشتۇرغۇچ(Google Website Optimizer): تور بىتىڭىزنى تەكشۈرۈپ، تور بەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى سىناپ، سىز ئۈچۈن ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ پايدىلىق ئىلانلارنى قۇرۇپ بىرىدۇ.

 


21. گوگۇل جاھاننامە بىلەن ماسلاشتۇرغۇچىسى(Google Browser Sync): ئىنتىرنىت تورى ئارقىلىق، FireFox نىڭ مەخپى نومۇرى،خەتكۈچلىرى،تارىخى خاتىرىلىرى، كۆزنەكلىرى قاتارلىقلارنى يەنە بىر كومپىيۇتېر بىلەن ماسلاشتۇرىدۇ.

 


22. گوگۇل تېلفۇنى (Google Click-to-Call): بۇ بىر ئىزدەش نەتىجىسى چىققان بەتتىكى ئىلان سىستىمىسى بولۇپ، سىز ئىلان شىركەتلىرىگە ھەقسىز تېلفۇن بەرسىڭىز بولىدۇ.

 


23. گوگۇل تور بەت ياسىغۇچىسى (Google page createter): ئاددى بولغان شەخسى تور بەت قۇرۇش سىستىمىسى بولۇپ، ئاددى بولغان بىر قانچە تۈرلۈك تەھرىرلەش قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. 100 مىگابايت بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. نۇرغۇن تور بەت ئەندىزىلىرى بولۇپ، تور بەت قۇرۇشنى ئىنتايىن ئاسانلاشتۇرىدۇ.ئىجدىمائىلاشقان تور ۋە ئالاقە

 


24. Orkut ئىجادىمائى رايۇنى : بىرازىلىيە بىلەن ھىندىستاندا ناھايىتى ئالقىشقا ئىرىشكەن. ئامرىكىدا ئانچە ئەمەس.25. Android يانفۇن مەشغۇلات سىستىمىسى: لىنۇكىس ئاساسىغا قۇرۇلغان يانفۇن مەشغۇلات سىستىمىسى.

 


26. يانغۇنغا قىسقا ئۇچۇر يوللاش (Google Send to Phone) : FireFox نىڭ قسىتۇرما دىتالى ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە قىسقا ئۇچۇر يوللاشقا بولىدۇ.

 


27. گوگۇل تور بەت ئورتاقلاشقۇچىسى (Google Shared Stuff) : تور بەتلىرىنى دوستىڭىز بىلەن ئورتاق كۆرسىڭىز بولىدۇ. بۇنى يەنە Facebook ۋە del.icio.us بىلەن بىرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

 


28. گوگۇل مۇڭداشقۇسى Gtalk (Google Talk ) : گوگۇلنىڭ توردا پاراڭلىشىش دىتالى .Gmail ئىچىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

 


29. Dodgeball يانفۇن ئىجدىمائى رايۇنى: ئامرىكىنىڭ 22 شەھرىدە سىز دوستىڭىزنىڭ نەدىلىكىنى بىلەلەيسىز، دوستلىرىڭىزمۇ سىزنىڭ نەدىلىكىڭىزنى بىلەلەيدۇ.

 


30. دوستلار ئۇلىنىشى (Google Friend Connect) : ئابونتلارنىڭ تور بەتلىرىگە ئىجادىمائىلاشقان تور ئىقتىدارىنى ناھايىتى ئاسانلا قوشۇپ بىرىدۇ. خۇددى FacebookۋەOrkut قا ئوخشاش. ئۇ سىزدىن چوڭقۇر بولغان پىراگرامما تۈزۈش سەۋىيەسىنى تەلەپ قىلمايدۇ.

 


31. گوگۇل چاقىرىش مەركىزى(Google GrandCentra) ئابونتلارنىڭ پەقەت بىرلا تېلفۇن نومۇرى بولسا، سىز يانفۇن نومۇرىڭىزنى ئالماشتۇرسىڭىزمۇ، ئۆي كۆچسىڭىزمۇ ياكى خىزمىتىڭىزنى ئالماشتۇرسىڭىزمۇ سىز يەنىلا ئەسلىدىكى نومۇرنى ئىشلىتەلەيسىز.

 


32. گوگۇل تور پۇنكىتى (Google Sites): تىز سۈرئەتتە تور پۇنكىتى قۇرۇپ، ئورتاق پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ئورتاق پايدىلىنىش دائىرىسى، بىر گۇرۇپپا تۈر، شىركەت ئىچكى تورى، ئىجدىمائى رايۇنلار، سىنىپلار، كۇلۇپلار، ئائىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى بىر نەچچە ئادەم، بىر توپ ئادەم ياكى توردىكى بارلىق ئادەملەر ئورتاق بەھىرلىنىدىغان قىلغىلى بولىدۇ.

 


33. گوگۇل مەكتىپى (Google Scholar) : ئىلمى مەنبەلەرنى ئىزدەشكە يۈزلەنگەن ئىزدەش قورالى، ئابونتلار ئۈچۈن ئىلمى ماقالە، دىسىرتاتسىيە ماقالىسى، كىتاپ، ئۈزۈندىلەر ۋە تىخنىكا دوكلاتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەبىئى پەن، ئىجدىمائى پەن قاتارلىق نۇرغۇن پەنلەردىكى ئەسەرلەرنى ئىزدەپ تىپىپ بىرەلەيدۇ.

 


34.گوگۇل پاتىنىت ئىزدىگۈچىسى(Google Patent Search): بارلىق ئامرىكىدا ئەنگە ئىلىنغان پاتىنىتلارنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈشى، سۈرەتلىك ئۇچۇرلىرى، پاتىنىت نومۇرى، ئىجادچىسى شۇنداقلا ئىلتىماس قىلىنغان ۋاقىت ۋە كۈچكە ئىگە مۇددىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تاپالايدۇ.

 


35. گوگۇل تەڭشەپ ئىزدىگۈچىسى((GoogleSets: ئابونت ئىزدىمەكچى بولغان بىر ھالقىلىق سۆزنى كىرگۈزسە، ئۇ شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ھالقىلىق سۆزلەرنى چىقىرىپ بىرىپ، ئابونتلارنىڭ ئىزدىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك كۆرسەتمىلەرنى بىرىدۇ.

 

 

36. گوگۇل كاتالوگى (Google Catalogs): ئەخلەت تۇڭىغا ئەسكى قەغەزلەرنى تاشلايمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرمەيسىز.

 


37.گوگۇل سىفىر ئىزدىگۈچىسى (Google Search by Number): رايۇن نۇمۇرى، تىز يوللانما نومۇرى قاتارلىقلارنى كىرگۈزسىڭىز مۇناسىۋەتلىك نەتىجىنى تاپالايسىز.

 


38. گوگۇل ئەمەلار ئىزدىگۈچىسى(Google Accessible Search) مەخسۇس ئەمالار ئۈچۈن ئىشلەنگەن.39. گوگۇل يۆنىلىش كۆرسەتكۈچىسى (Google Trends) : سۈرەتلىك شەكلىدە ھەر خىل ھالقىلىق سۆزلەرنىڭ ئىزلىنىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

 


40. گوگۇل كىتاپ ئىزدىگۈچىسى (Google Book Search)

 


41.گوگۇل خەۋەر ئارخىپىنى ئىزدىگۈچ(Google News Archive Search) : كونا خەۋەرلەرنى ئىزلەيدۇ.

 


42. گوگۇل ئالاھىدە ئىزدىگۈچىسى(Google Special Searches):ئىزدەش دائىرىسى ئىنتايىن كىچىك . مەسىلەن ھۆكىمەت، ئاممىۋى مۇلازىمەت، مىكروسوفت، ئالما قاتارلىقلار دىگەندەك.كۆپ خىل گوگۇل قوراللىرى

 


43. گوگۇل يۇمشاق دىتال توپلىمى (Google Google Pack): بۇنىڭ ئىچىدەDesktop,Picasa Toolbar، گوگۇل يەر شارى، Gtalk,Firefox, Adobe Reader, Skypeۋە StarOffice قاتارلىقلار بار.

 


44. گوگۇل كىچىك قوراللىرى (Google Gadgets) : iGoogleۋە Desktop لار بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىدۇ.

 


45. گوگۇل پىنيىن كىرگۈزگۈچىسى(Google Pinyin IME)

 


46. گوگۇل رەسىم ئىزاھلىغۇچىسى(Google Image Labeler): ئىشلەتكۈچىلەر يىزىق بىلەن رەسىملەرگە ئىزاھ بىرىدۇ. گوگۇل ئىزدەش نەتىجىسىنى ياخشىلايدۇ. ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزىنى ئويۇن ئوينىغاندەك ھىس قىلىدۇ.

 


47. گوگۇل كود ئىزدىگۈچسى(Google Code Search)

 


48. گوگۇل خەۋەر ئۇقتۇرغۇچىسى (Google Alerts): گوگۇلغا ئۆزىڭىزنىڭ قايسى تۈردىكى خەۋەرلەرگە قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز، گوگۇل ھەر كۈنى سىزگە يىڭى خەۋەرلەرنى ئېلخەت ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىپ تۇرىدۇ.

 


49. Google Apps : كارخانا ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقە ئىشلىرىدىكى يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىزىق، جەدۋەل،ئېلخەت، پاراڭلىشىش،مۇزىكا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كارخانىلار ئۆزلىرىنىڭ تور نامى ئارقىلىق يۇقىرىقى مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەپ، كارخانىنىڭ ئىناۋىتىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.

 


50. گوگۇل – 114 (GOOG-411) : پەقەت كانادا بىلەن ئامرىكىغا ئىچىۋىتىلگەن بولۇپ، گوگۇلنىڭ تىلفۇنىستلىرى سىز ئۈچۈن ئىزدىشىپ بىرىدۇ.

 


51. گوگۇل يانفۇن تور پۇنكىتى ياسىغۇچىسى(Google Moblizer) : بىر مىنۇتتا سىزنىڭ تور پۇنكىتىڭىزنىڭ يانفۇن نۇسخىسىنى قۇرۇپ بىرىدۇ. تىزىملىتىش ھاجەتسىز.

 


52. گوگۇل (Google Gears): HTML5 نىڭ بىر قىستۇرمىسى. تور بەتلىرىنى ئۈستەل يۈزىگە ئايلاندۇرىدۇ.3- تەرەپنىڭ قوراللىرى

 


53. ئاددى گوگۇل (Simply Google): بارلىق گوگۇلنىڭ ئالاھىدە ئىزدەشلىرىنى بىر بەتكىلا قويىدۇ.

 


54. گوگۇل IM ئىزدىگۈچىسى (Googlematic ) : AIM ۋە MSN دىن پايدىلىنىپ ئىزدەش ئىلىپ بارىدۇ.

 


55. گوگۇل (Goofresh) : ئەڭ يىڭى تور بەتلىرىنى ئىزدەيدۇ. يەنى بۈگۈنكى ، تۈنۈگۈنكى، مۇشۇ ھەپتىدىكى، مۇشۇ ئايدىكى ئەڭ يىڭى تور بەتلىرىنى ئىزدەيدۇ.

 


56. گوگۇل ئاشپىزى (Cooking With Google) : تاماق ئېتىشنى بىلمىسىڭىز گوگۇلدىن سوراڭ.

 


57. گوگۇل كۆپ خىل تىلدا ئىزدىگۈچىسى((Babelplex) بىرلا ۋاقىتتا 29 خىل تىل بويىچە ئىزدەش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ.



خەتكۈچلەر:
18-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
IT ئائىلىسى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سامسۇڭنىڭ يېڭى نۇسخىدىكى تاقىما ئۈسكۈنىسى-Gear Fit 2 بۈگۈندىن باشلاپ پارچە سېتىش دۇكانلىرىغا رەسمىي كىرگۈزۈلىدىكەن.  ...
10-06-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 10- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو ليەنشياڭ گۇرۇھىنىڭ 2- نۆۋەتلىك يەر شارى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى شۇ جاي ۋاقتى 9- ئىيۇن سان فرانسىسكو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى،...
28-05-2016
    5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات ئەھۋالىدىن تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، دۆلەت مۇداپىيە پەن-تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىنىڭ ئىنژىنېرى، دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ باش كا...
28-05-2016
    ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئادىداس گېرمانىيەدە SpeedFactory ناملىق پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك زاۋۇتنى سىناق يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇ يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئادىداس ئاخىرى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئاغدۇرۇۋىتەلەيدىغان گېر...
28-05-2016
    تۈنۈگۈن تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بەيدۇ  ۋە سوگۇ كىرگۈزگۈچى تورغا ئۇلاقلىق ئەھۋالدا ئىشلەتكۈچىلەر ئۇرغان خەت ئۇچۇرىنى مۇلازىمېتىرغا يوللاپ بېرىدىكەن ھەمدە ھەممىسىنى ئاشكارا يوللاپ بېرىدىكەن. بۇ خاككېرلارنىڭ ئىشلەتكۈچ...
28-05-2016
    تېڭشۈن تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئىككى يىل ئىلگىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيەسى ئالاقە كومىتېتى قانۇنسىز يان تېلېفون سىگنالىغا كاشىلا قىلغۇچنى ساتقان جۇڭگو ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ياساش سودىگىرى CTS پەن-تېخنىكا شىر...
28-05-2016
     تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت ئىچىدىكى chi wei شىركىتى يېڭىدىن windows 10/android5.1 قوللايدىغان قوش سىستېمىلىق تاختا كومپيۇتېر ئېلان قىلغان بولۇپ، HiBook Pro تاختا كومپيۇتېرىغا ئاليۇمىن مېتاللار ئىشلىت...
28-05-2016
1991T تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     IDC نىڭ ئەڭ يېڭى پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، 2019-يىلىغا بارغاندا زور سانلىق مەلۇمات ۋە كەسپىي ئانالىزنىڭ يىللىق كىرىمى 2015-يىلدىكى 112 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن 187 مىل...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە گېرمانىيەلىك ئالىملار بىر خىل سۈنئىي نېرۋا سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ماشىنا ئاد...
28-05-2016
سىنا تورى پەن تېخنىكا قانىلىنىڭ 27-ماي چۈشتىن كېيىنكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى     5-ئاينىڭ 27-كۈنى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىسىتىرلىقى ئېلان قىلغان تېلېگراف مۇلازىمەت سۈپىتى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدا كۆ...
Powered by Leglek