چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان پەنجاپ ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپ 29-ئىيۇن، مەزكۇر ئۆلكىدىكى بىر 18 ياشلىق قىزنىڭ ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغان 22 ياشلىق ئەر تەرىپىدىن بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى سەۋەپنىڭ، بۇ ئەرنىڭ توي تەكلىپىنىڭ قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
شۇ يەردىكى ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئەر قىزنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قاتىللىق قىلغان. ساقچى تەرەپ قىزنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن، تىببىي خادىملار ئۇنى دەرھال شەھەر رايۇنىدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن، لېكىن بۇ قىز دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزنىڭ ئاتىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، بۇ ئەر ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سالغان ئىكەن. نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ئەرنى قولغا ئالغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، سۈرىيەنىڭ دالې گېئورگى، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن دالې گېئورگى دۆلەتلىك دوختۇرخىسىنىڭ كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved