جۇڭگو كۈندىلىك گېزىتى تورى 25-دىكابىر مۇنداق خەۋەر بەردى. 1979-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئىراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسدا ئەسىرگە ئېلىنغان يەنى ئەينى ۋاقىتتا 444 كۈن تۇتقۇن قىلىنغان ئامېرىكىلىقلار ئارىدىن 36 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تۆلىمىگە ئېرىشىشى مۇمكىن. ئامېرىكا پارلامېنتى ئالدىنقى ھەپتە قانۇن لاھىيەسىنى ماقۇللاپ، ھەر بىر تۇتقۇن قىلىنغۇچىغا تۆت مىليون 400 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بەرمەكچى بولغان. بۇ تۇتقۇن قىلىنغان ھەر بىر كۈنگە 10 مىڭ دوللاردىن تۆلەم ئالغانغا باراۋەر.1999-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، تۇتقۇن قىلىنغان مۇشۇ كىشىلەرگە مەسئۇل بولۇپ كېلىۋاتقان باش ئادۋوكات توماس لەنكفورد: «ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۈرەشتىن كېيىن ئېرىشكەن بۇ تۆلەم كىشىنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ» دېدى.
بۇ ئىشلار 1979-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلانغان بولۇپ، ئىراندىكى رادىكال ئوقۇغۇچى ئۇنسۇلار ئامېرىكىنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئىگىلەپ، بىر قىسىم مەمۇرىي ۋەزىپىدىكى دىپلوماتلار ۋە ھەربىيلەرنى تۇتقۇن قىلغان. بۇ ئامېرىكىلىق تۇتقۇنلار 14 ئاي قامالغان بولۇپ، بەزىلەر سوراق قىلىنىپ، قاتتىق ئۇرۇلغان يەنە تېخى ئايرىم قاماپ قويۇلغان.
بۇلارنىڭ كېيىنكى كۈرەشلىرى 1981-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن باشلانغان. ئۇلار كېيىن، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ بىر تۈرلۈك كېلىشىم ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىراندىن تۆلەم تەلەپ قىلىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلگەن. ئاخىرى بەزىلەر ئەرز قىلغان، ئۇلار 1996-يىلى ماقۇللانغان بىر تۈرلۈك قانۇننىڭ ئۇلارغا پۇرسەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. تۇتقۇنلارنىڭ قانۇن ئۆمىكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتلىرى بىلەن دەۋالاشقان. ئۇلار ئاخىرى ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان، ئالىي سوت 2012-يىلى ئۇلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلغان.
ئەينى ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان 53 ئادەمدىن ھازىر 38 ى ھايات. 1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى ۋە ئاددىي پۇقرالار تەڭلا تۇتقۇن قىلىنىپ، 444 كۈن قامالغان.
ئەسىرگە چۈشكەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تۇتقۇنلار شەپقەتسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغان. ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا بىخەتەرلىك ياردەمچىسى بولغان ھوللاند ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا ئىنتايىن قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى، ئۇمۇرتقىسى زەخمىلىنىپ، ئامېرىكىغا قايتقاندىن كېيىن توققۇز قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان. تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ تولىمۇ خۇشال بولغان بولۇپ: «36 يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ،بۇ ئىشقىمۇ ئاخىرى خاتىمە بېرىلدى، مەن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم» دېگەن.
ئەينى چاغدىكى ئەلچىخانا مۇھاپىزەتچىسى، دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمىنىڭ سابىق ئەسكىرى كېرمان تۆلەم بېرىلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن تولىمۇ خۇشال بولغان بولۇپ، ھاياجانلانغىنىدىن: «مەن ماشىنامنى يول بويىدا توختىتىپ قويۇپ، قاتتىق يىغلاپ كەتتىم» دېگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved