ئامېرىكىدىكى رودول تورى ئىسپانىيەنىڭ بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا دائىم يېشىل ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلانغان جايدا دەم ئالغاندا ھامىلىدار ئاياللار تۇغماقچى بولغان بالىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ۋە تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان.نۆۋەتتە ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تەتقىقاتىدا ئىشخانا يېشىل بولغاندا ھاۋانىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بۇلغانمىلار ۋە شاۋقۇنلارنى تۆۋەنلەتكىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ باش ئاغرىش ۋە جىددىيلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە ياردىمى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
تەتقىقاتچىلار 2400 نەپەر ئايالنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ يېشىل ئۆسۈملۈك مۇھىتتا تۇرغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ باشقا بالىلارنىڭ ئوتتۇرچە ئېغىرلىقىدىن ئېغىر بولىدىغانلىقى، باش ئايلانمىسىنىڭ تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇ نەتىجىنىڭ يېتەكچى ئەھمىيىتى بار بولۇپ، ساغلام بالىلارنىڭ باش قىسمىنىڭ ھەجىمى چوڭ مېڭىسىنىڭ چوڭ –كىچىكلىكى ۋە ئەقىللىق بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن، بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىگە نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىم ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بەك يىنىك (نورمال ئېغىرلىقى 2.54 كىلوگرام بولىدۇ) بولسا كېيىنچە بالىدا يۈرەك كېسەللىكى، يۇقىرى قان بېسىمىمىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ئاشىدىكەن.
بوۋاقنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئەقىللىق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھامىىلدار ئاياللار سىرتتىكى پائالىيەتلەرنى كۆپەيتىشى، ھاۋا ياخشى بولغاندا دائىم باغچىلارنى ئايلىنىشى، تەبىئەت بىلەن كۆپرەك ئۇچرىشىشى كېرەك.ئاياللار ئىشخانىسىدىكى شىرەسىگە يېشىل ئۆسۈملۈكنى قويۇپ قويغاندا، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە خۇشال -خورام بولالايدۇ. ئائىلىدە تەشتەكتە گۈل ئۆستۈرسە ھامىلىدار ئايالنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىپ، بوۋاقنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved