تۇڭگۇز باش قەدىمىي شەھىرىدە يېڭىدىن«ئالىي دەرىجىلىك ساراي ئۆي»بايقالدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:
يېقىندا، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېئولوگلىرى توقسۇ ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تۇڭگۇز باش قەدىمكى شەھىرىنى قېزىشقا باشلىغان بۇلۇپ، ئارخېئولوگىيە ئەترىتى بىر ھەپتىدىلا شۇ يەردىن «ئالىي دەرىجىلىك ساراي ئۆي»نى بايقىغان.ئىگىلىنىشىچە، ئارخېئولوگىيە ئەترىتى تۇڭگۇز باش قەدىمكى شەھىرى شىمالىي قوۋۇقى خارابىسىدىن ئالتۇن ھەل بېرىلگەن تام ۋە شەھەر بۆلىكىنى قېزىپ چىققان،شۇنداقلا يەنە ئالتۇنرەڭ سىرلانغان ياغاچ قۇرۇلمىلىق شەھەر بۆلىكىنى بايقىغان، بولۇپ، بۇ ئەھۋال بۇ يەردىكى ئۆي-ئىمارەتلەرنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپلا قالماستىن، ئاستى قىسمىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى بولۇشىمۇ مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىر ، توپىنىڭ دۆۋىلىشى ۋە ئەڭ يېڭى قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئاساسەن مۇتەخەسسىسلەر تۇڭگۇز باش قەدىمكى شەھىرى غەربىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە بىنا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلغان.
بۇ بايقاش تاڭ سۇلالىسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ غەربىي يۇرتتا تەسىس قىلغان غەربنى تىنچلاندۇرغۇچى باش قورۇقچىبەگ ۋە ئۇنىڭ بىر يۈرۈش باشقۇرۇش ۋە مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىشقا نىسبەتەن مۇھىم تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتىتىگە ئىگە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved