4-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەرلەرنى باھالاش نەتىجىسى يېقىندا ئېلان قىلىندى، ئۈرۈمچى شەھىرى ئوڭۇشلۇق ھالدا مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر نامزاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى. بۇ شەرەپ مەدەنىيەتلىك شەھەر بەرپا قىلىشنىڭ باسقۇچلۇق نەتىجىسىنى نامايان قىلىپلا قالماستىن يەنە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىلى «مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر» نىشانىغا يېتىشكە بىرلا قەدەم قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 4-مارت ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى 2011-يىلى 3-ئايدا مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر بەرپا قىلىشتەك مۇھىم قارارنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى 2014-يىلى «مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر» نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، «مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەر» شەھەرنىڭ پۈتكۈل مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئۇنىۋېرسال شەرەپ نامى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەرلەرنى ئۇنىۋېرىسال تۈرلەر بويىچە باھالاشتىكى ئەڭ ئالىي شەرەپ ھېسابلىنىدىكەن. مەملىكەتلىك مەدەنىيەتلىك شەھەرنى تاللاش ئۆلچىمى جەمئىيەت ئامانلىقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
![]() |
پارچە سېتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 6 يۈەن، توپ تارقىتىش باھاسى ھەر كىلوگرامى 4 يۈەندىن بولۇپ، ئۈرۈمچىدىكى ئالما باھاسى 3 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشتى.
4-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچىدىك...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved